باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

مەن يارامسىز ئەمەس

شەمشىنۇر قاھار

      مەن بىر مېيىپ ئوقۇغۇچى. ھەر كۈنى ئاتا – ئانامنىڭ ياردىمىدە مەكتەپكە كېلىمەن، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە ئورۇندۇقتا ئولتۇرىمەن. ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ياردىمىدە خەت يېزىشنى ئۆگىنىمەن. ھەر قېتىم ھەربىر كۈنۈمنىڭ باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ يارىماسلىقىدىن بەكمۇ ئۆكۈنىمەن. مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش شوخ تاقلاپ ماڭالىسام، باشقىلارغا ياردەم بېرەلىسەم نەقەدەر ياخشى بولاتتى – ھە دەپ ئويلاپ قالىمەن.

      بىر كۈنى چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرسام مۇئەللىم يېنىمغا كېلىپ مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىيلىدى:

      – نېمە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ؟

      – ھېچنېمە ...

      مۇنچاقتەك ياشلىرىم يالغان ئېيتقانلىقىمنى چاندۇرۇپ قويدى.

      – نېمىگە يىغلايسەن؟ – دېدى مۇئەللىم ھەيران بولۇپ.

      – مۇئەللىم، سىز بىلىسىز مەن بەك يارىماس، كۈنلىرىم باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ناھايىتى ئەھمىيەتسىز ئۆتىدۇ. مەن باشقىلارغا ئازراقمۇ ياردەم قىلالمايمەن، – دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ.

      – ئەخمەق بالا، كىم سېنى يارىماس دەيدۇ؟ سەن باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىسەن، سەن بىلەن پاراڭلاشسا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ، سەن باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى بەكمۇ قەدىرلەيسەن، يەرگە پەقەت ئەخلەت تاشلىمايسەن، مېۋە شۆپۈكلىرىنىمۇ سومكاڭدىكى سۇلياۋ خالتىغا سېلىۋالىسەن، سېنىڭ بۇ روھىڭدىن ساۋاقداشلار ئۆگىنىۋاتىدۇ، سەن ئەزەلدىن ئاددىي – ساددا، پاكىز كىيىسەن، ماركا قوغلاشمايسەن. شۇڭا، نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار ئۆيىدە كىيىم جېدىلى قىلىدىغان بالىلىرىغا سېنى ئۈلگە قىلىدۇ... سېنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭ بەكمۇ كۆپ، ئەجەبا، سەن راستىنلا يارىماسمۇ؟ – دېدى مۇئەللىم.

      مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ‹‹پاللىدە›› يورۇپ كەتكەندەك بولدى. توغرا، مەن گەرچە جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ بولساممۇ ئەمما ساغلام پىسخىكا، روھىي – ھالىتىم بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولسام بولىدىغۇ؟ شۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن ئۆزۈمنى كەمسىتمەيدىغان، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا تېخىمۇ تىرىشىدىغان بولدۇم.

(ئاپتور ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر