باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلش كېرەك

پەرىدە ئاۋۇت

      بالىلىق مەزگىل ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياج كۆپ خىل بولىدىغان، ئەمما فىزىيولوگىيەلىك تەرەققىياتى تېخى مۇكەممەل بولمىغان مەزگىل. بۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتكە دىققەت قىلىپ، بالىلارنى كېرەكلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

      1. بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ يېتىلىدۇ، يېشى قانچە كىچىك بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ، ئوخشاشمىغان ياش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ بەدەن ئېھتىياجىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ئۇلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

      2. يېيىش قېتىم سانى كۆپ. مىقدارى ئاز بولۇش، گۆشلۈك تاماقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك. بالىلار گۆشلۈك تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان – ئۈچەي ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا، كەرەپشە، پالەك، مايلىق يېسىۋېلەك قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.

      3. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئامال بار ئىستېمال قىلدۇرماسلىق، يېمەكلىك تەييارلىغاندا زۆرۈر بولمىغان ياغ، شېكەر، تۇز قاتارلىق تېتىتقۇلارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش كېرەك.

      4. ھازىر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا ھەر خىل يېڭى مېۋە – كۆكتاتلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، قىشتا تاۋۇز، شاپتۇل، بۆلجۈرگەن دېگەندەكلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەسلىدىكى ئالما، نەشپۈت دېگەندەك دائىم يەيدىغان مېۋىلەرنى بالىلار ياخشى كۆرۈپ يېمەيدىغان بولدى. ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، قىشتا قىشلىق مېۋە – كۆكتاتلارنى، يازدا يازلىق مېۋە – كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.

      5. ئىچىملىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك. گازلىق ئىچىملىكلەردىن كولا، شۆبىي قاتارلىقلانىڭ تەركىبىدە كاربون (...) ئوكسىد بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، بالىلاردا ئاشقازان كۆپۈش، ئاشقازان ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

      6. يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىغا توڭلىتىلغان مېۋە ئۇيۇتمىسى، مېغىز، يەر ياڭىقى، قەنت يالىتىلغان پۇرچاق قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئازراق ئىستېمال قىلدۇرۇپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ بالىنىڭ گېلىغا تۇرۇپ قېلىپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

      7. يېمەكلىكلەرنىڭ يېڭى ۋە تەبىئىي بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. سۈت، مېۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىمممىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، كۆپرەك ئىستېمال قىلدۇرۇش، كىتاب ۋە ئېلاندىكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش يېمەكلىكلىرىنى قارىغۇلارچە تاللىماسلىق كېرەك.

      8. بالىلارنىڭ شەخسىي تازىلىقى ۋە ئېغىز تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھىيەت بېرىش، تازىلىقى ياخشى بولمىغان ئورۇنلاردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلدۇرماسلىق لازىم.

 

مەنبە: ‹‹ھاياتلىق›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي