باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

كۈنجۈتلۈك قوي گۆش قاتۇرمىسى

 

 
  ماتېرىياللىرى: قوينىڭ مايسىز لوق گۆشىدىن 500 گىرام، ئاق كۈنجۈت 30 گىرام، سۇ ماي 2كىلوگىرام، تۇخۇم ئىككى دانە، بىر باش پىياز، تۇز، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، زىرە 20 گىرام، كىراخمال 20 گىرام ، خام سەي كۆكى، بېزەك كۆكى مۇۋاپىق مىقداردا.

  تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق چاناپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم ئېقى، ئازراق تۇز، سوققان زىر، ئاقمۇچ، قارىمۇچلارنى مۇۋاپىق سېلىپ، تەمىنى تېتىپ قىيما تەييارلايمىز، تۇخۇمغا ھۆل كىراخمال، تۇز قېتىپ ئارىلاشتۇرۇپ پوشكال چىقىرىپ، پوشكالنىڭ ئوڭ يۈزىگە ھۆل كىراخمال سۈرۈپ، قىيمىنى ئېلىپ چۆرىسىنى تۈگىمىز. ئۈستىگە ھۆل كىراخمال سۈرۈپ، ئاق كۈنجۈتنى يېپىشتۇرۇپ، قازانغا ماي ئېسىپ، نورمال قىزىغاندا سېلىپ بوش ئوتتا سارغايتىپ پىشۇرۇپ، بېزەلگەن تەخسىگە كېسىپ ئېلىپ ئۈستىگە دەرمەك چاچسىڭىز تەييار بولىدۇ.

 

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر