باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

شىۋېيتسارىيە ھەقىقىي سەزگۈسى بار يالغان قول ياسىدى

 

 

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېيتسارىيەدىكى بىر دوختۇرخانا يېقىندا بىر تۈرلۈك ئالاھىدە يالغان قول كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغان. ئالاھىدە دېيىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ قېتىم كۆچۈرۈلگەن قول يېڭىدىن ياسالغان تەقلىدىي يالغان قول ئىكەن، بۇ قۇل بىمارلارغا ھەقىقىي سېزىمغا ئىگە قىلالايدىكەن.

  ھازىرغا قەدەر، كۆپلىگەن يالغان قوللار چوڭ مېڭىنىڭ بۇيرۇق سىگنالنى بويىچە بىمارنىڭ كەم قولىنىڭ ھەرىكىتىنى تاماملايدىكەنيۇ چوڭ مېڭىگە سېزىم ئۇچۇرىنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىكەن. لېكىن بۇ يېڭىدىن ياسالغان تەقلىدىي قول ئېلېكتىر قۇتۇپلۇق ئۆزەك بىلەن ئادەم قولىدىكى ئىككى ئاساسلىق نېرۋا سىستېمىسىغا ئۇلىنىپ، بىمارنىڭ خاھىشى بويىچە بۇ قولىنى باشقۇرۇشقا ياردەملىشىدىكەن، شۇنداقلا بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە بۇ قولنىڭ سېزىمىنى قايتۇرىدىكەن.

  تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، كۆپ ساندىكى يالغان پۇت-قول تاقىغۇچىلار ھازىرقى يالغان پۇت قوللارنىڭ مەيلى كۆرۈنىشى ياكى ئىقتىدارى جەھەتتىن بولسۇن تازا دېگەندەك راھەت ئەمەسلىكى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ يالغان پۇت-قولنى تاقىغۇسى كەلمەيدىكەن. شىۋېيتسارىيە لائۇسان فېدېراتىپ يۇقىرى پەن تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى Silvestro Micera مۇنداق دەيدۇ: بۇ خىل يالغان قولنىڭ بارلىققا كېلىشى تاقىغۇچىلار ئۈچۈن ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى بۇ خىل تەقلىدىي قولنى تاقىغۇچىلار ھەقىقىي سېزىمنى ھېس قىلالايدۇ، شۇنداقلا ھەرىكىتى ناھايىتى سەزگۈر، چاققان بولىدۇ. ئېنىقكى، يالغان پۇت-قولنىڭ سېزىمچانلىقى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى تاقىغۇچىلار شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ. تاقىغۇچىلار بۇ خىل تەقلىدىي قول – پۇتنى تاقىغاندىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە نەرسە باردەك ھېس قىلمايدۇ.

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر