باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

سومكىنىڭ نالىسى

ئىنتىزار ئىمىنجان

      ئىگەم تۇرسۇن ئىلگىرى ناھايىتى تىرىشچان، ئىنتىزامچان، ئەمگەكچان بالا ئىدى. ھەر كۈنى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى بېرىلىپ ئاڭلاپ تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ئىشلەيتتى. ئۇخلاش ئالدىدا ئىچىمنى رەتلەپ، سىرتىمنى سۈرتۈپ قوياتتى. ئەتىسى مەن ئۇنىڭ دۈمبىسىدە غادىيىپ مەكتەپكە ماڭاتتىم. ئۇ ھەر يىلى ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغاندا ئۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنەتتىم.

      بىر كۈنى يولدا كېتىۋاتساق بىرقانچە كەپسىز ساۋاقداش ئىگەمنىڭ ئالدىنى توستى:

      – ھەي، كىتاب خالتىسى، بۇنچە ئالدىراپ نەگە ماڭدىڭ؟ – دېيىشتى ئۇلار ھىجىيىپ.

      – ئۆيگە، – دېدى ئىگەم.

      – ئۆيۈڭدە قىزىق ئويۇنلار بارمۇ؟ ھەركۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرسىلا ئالدى – كەينىڭگە قارىماي ئۆيگە چاپىسەن، – دېدى ئۇلار.

      – ئۆيگە بېرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن، – دېدى ئىگەممۇ بوش كەلمەي.

      – بىز بىلەن ماڭ!. بۈگۈن كۆزۈڭنى ئېچىپ قويايلى، مەڭگۈ كىتاب خالتىسى بولۇپ ئۆتۈپ كەتمە يەنە! – دېدى ئۇلار ئىگەمنى مەسخىرە قىلىپ. ئىگەم بارماسلىققا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ‹‹يارىماس››، ‹‹كىتاب خالتىسى››، ‹‹تالىپ›› دېگەن سۆزلىرىدىن خىجىل بولۇپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى. مەن ‹‹ھەي تۇرسۇن، ئۆيگە قايت!›› دەپ شۇنچە ۋاقىرساممۇ ئۇ: ‹‹كەتسەم ئۇلار مېنى يەنە زاڭلىق قىلىدۇ. شۇڭا، بېرىپلا كېلەي›› دەپ پىچىرلىدى.

      بىز ھەرخىل چىراغ، ۋاراڭ – چۇرۇڭغا تولغان بىر ئۆيگە كىردۇق. بۇ يەردە ئىگەم دېمەتلىك بالىلار كۆپ بولۇپ ئۇلار ھەرخىل ئېلېكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقلارنى قىزىقىپ ئويناۋاتقانىكەن. ئىگەم ئۇلارغا قاراپ دەسلەپتە: ‹‹بۇلار ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزگۈچە ئۆيىگە بېرىپ تاپشۇرۇق ئىشلىسىچۇ››دەپ ھەيران قالدى. ئارقىدىن ھېلىقى بالىلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى ھەم ئۆگىتىپ قويۇشى بىلەن ئويۇنغا قىزىقىپ: ‹‹توۋا، مۇنداقمۇ ياخشى يەرلەر بار ئىكەن – ھە! ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇ ئويۇنلارنى ئويناپ قويسام بولغۇدەك›› دەپ ئويلىدى. پەقەت قورسىقى ئاچلىقتىن تارتىشىپ كەتكەندە ئاندىن مېنى ئېلىپ ئۆيگە يۈگۈردى.

      شۇ كۈندىن باشلاپ ئىگەم ئۆزگەردى. ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك دەرستىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۆيگە يۈگۈرمەستىن ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىغا يۈگۈرەيدىغان بولدى. كەچتە قايتقاندا ئاتا – ئانىسىغا ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتەتتى. بارا – بارا ئۇ مېنى قويغان يېرىدە ئۇنتۇپ قالىدىغان، مەينەت، رەتسىز بولۇپ كەتسەممۇ كارى بولمايدىغان بولدى. دەرسلەردىمۇ چېكىنىپ كەتتى. مەن ھازىر پاكىز، چىرايلىق ياسىنىپ ئىگىلىرى بىلەن مەكتەپكە ماڭغان سومكىلارنى كۆرسەم بەك ھەۋەس قىلىمەن. ئۆزۈمنىڭ مەينەت تۇرقىدىن ۋە ئىگەمنىڭ دۆتلۈكىدىن نومۇس قىلىمەن. ئىگەم قاچانمۇ ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتار – ھە!

(ئاپتور غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر