باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئەھمىيەتلىك 15 يۈەن

ئىرپانجان ئېلى

      بۈگۈن پوچتىخانىدىن ئۆز ئەمگىكىم بەدىلىگە كەلگەن 15 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. قولۇمدىكى پۇلنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە ئۆيگە كەلدىم. خۇشاللىقتىن دادام – ئاپامغا:

      – دادا، ئاپا، قاراڭلار، مەن 15 يۈەن تاپتىم، – دېدىم.

      – نەدىن تاپتىڭ؟ – دېدى دادام قولۇمدىكى پۇلغا قاراپ ھەيران بولۇپ.

– تېپىۋالدىڭمۇ؟ ئۇنداقتا دەرھال مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بەر، – دېدى ئاپام.

      – بۇ پۇلنى ئۆز ئەمگىكىم بەدىلىگە تاپقان، – دېدىم، – ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ مەن تەتىلدە رەسىم سىزىش، ھۆسنخەت يېزىشنى مەشىق قىلغانىدىم. سىلەر ماڭا ‹‹يازغانلىرىڭنى ئۆيدە ساقلاۋەرمەي ‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى› گېزىتىگە ئەۋەتىپ بەر. ئۇ گېزىت ساڭا ئوخشاش بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى سەھنە›› دېگەنىدىڭلار. مەن دەسلەپتە ئەسەرلىرىمنى ئەۋەتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغانىدىم. سىزغانلىرىم كۆپەيگەنسېرى سىناپ بېقىش نىيىتىدە بىرقانچە رەسىمىمنى بۇ گېزىتگە ئەۋەتىپ بەردىم. ‹‹يۇرتۇمنىڭ چىلىنى›› دېگەن بىر پارچە رەسىمىم ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىنىڭ 3 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىندى. بۇ پۇل شۇ ئەسىرىمنىڭ قەلەم ھەققى، – دېدىم.

     – يارايسەن ئوغلۇم، – دېدى دادام خۇشال بولۇپ، – ئۇنداقتا بۇ پۇلنى قانداق ئىشلىتىشىنى ئويلاۋاتىسەن؟

      – بۇ پۇلنى ....

      بۇ سوئالغا دەرھال جاۋاب بېرەلمەي قالدىم. بۇ پۇلغا نېمە ئېلىش كېرەك؟ بۇ ئۆزۈم تاپقان پۇل بولغاچقا قانداق خەجلىسەم دادام – ئاپام ئارىلىشالمايدۇ. چوكا مۇز ئالايمۇ ياكى كارتون فىلىم دېسكىسى ئالايمۇ؟ توغرا، بۇ پۇلغا يەنىلا بوياق، قەلەم، قەغەز ئېلىپ رەسىم سىزنى داۋاملىق مەشىق قىلاي، ئەسەرلىرىمنى ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىگە داۋاملىق ئەۋەتىپ بېرەي.

      مەن ئويلىغانلىرىمنى دادامغا ئېيتتىم. ئۇ خۇشال ھالدا مېنى بازارغا ئېلىپ ماڭدى. كېتىۋېتىپ ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ باي بالىدەك ھېس قىلدىم.

(ئاپتور كۇچا ناھىيەسى ئالقاغۇ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

 
مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر