باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى – تەڭنە

 

 

‹‹لوپنۇرلۇقلار كەنتى››دە، بىر ئۇيغۇر بوۋاي تەڭنە ياسىماقتا

      لوپنۇر ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىگە، تارىم – كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان.

      لوپنۇرلۇقلار خېمىرنى ياغاچ تەڭنىدە يۇغۇرۇپ، تاماقنى ياغاچ قوشۇق، ياغاچ چۆچەكتە يېيىشنى ياقتۇرىدۇ.

      لوپنۇر ناھىيەسىدىكى مەملىكەتلىك A4 دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى ‹‹لوپنۇرلۇقلار كەنتى››دە، بىر ئۇيغۇر بوۋاي تەڭنىنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. تەڭنە توغراق ياغىچىدىن ئۇيۇلغاندىن كېيىن، مەنتەڭگە سېلىپ قاينىتىلىدىكەن، ئاندىن سۈيى تولۇق قۇرۇپ، ھۆللۈك تارقىغاندىن كېيىن، قىزىتىلغان مايغا سېلىنىدىكەن. لوپنۇرلاقلار تەڭنىدە يۇغۇرۇلغان خېمىر ئاسان تەييار بولىدۇ، تەملىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر