باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئىككى شېئىر

      يالقۇن قارى

باھار قىز

- غۇر- غۇر ئۇچقان شاماللار،

تىنىقىدۇر كىمنىڭكى؟

يېشىللىقنى سۆيگۈچى،

باھار ئاتلىق قىزنىڭكى.

 

- باھار دېگەن ئۇ قىزچاق،

بەك يېقىملىق ئۇز ئىكەن.

كۆينەك كىيگەن ئەتلەستىن،

رەڭدار قانات توز ئىكەن.

 

- نەگە بارسا باھار قىز،

شۇ يەر نۇرغا تولاركەن،

ھۆسىن تۈزەپ باشقىچە،

يېشىل بوستان بولاركەن.

 

- يۇرتىمىزغا باھار قىز،

بۇ يىل بالدۇر كېلىپتۇ.

ئەنە قاراڭ دالىلار،

يېشىل لىباس كېيىپتۇ.

 

- نىممەت كانى باغلارمۇ،

گۈل چېچەككە تولۇپتۇ.

قاماشتۇرۇپ كۆزلەرنى،

جننەت ماكان بولۇپتۇ.

 

- شەپىسىنى سەزدىمۇ،

قۇشلارمۇ ھەم كېلىپتۇ.

بوستان ئارا، باغ ئارا

خۇشال نەغمە قىلىپتۇ.

 

- ئۇنتۇشۇپتۇق بىر ئىشنى،

چىۋىق ئاتقا مىنەيلى.

چىن تۆمۈردەك چېپىپ تېز،

ئورمانلىققا كىرەيلى.

باھار قىزغا چىن دىلدىن،

ھەشقاللا، رەھمەت بېرەيلى.

 

تەبىئەت

بىر ئانىدۇر تەبىئەت،

چەكسىز ئىللىق قۇچىقى،

تۆكۈپ تۇرار نۇر- زىيا،

قۇياش دېگەن ئوچىقى.

 

ئوخچۇپ تۇرغان بۇلاقلار،

ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزىدۇر.

« شىلدىر- شىلدىر » ئاققان سۇ،

بىزگە قىلغان سۆزىدۇر.

 

سەھەر تۇرۇپ ئىچتىممەن،

سۆزلىرىنى قانغۇچە،

چېچەك ئاچتىم خۇش پۇراق،

مەكتىپىمدىن يانغۇچە.

 

(ئاپتور ئاتۇش شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: رەيھانگۈل