باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

خوتەننىڭ گۆش گىردىسى

 

 
  قاشتېشى دىيارى خوتەننىڭ قاشتېشى، گىلەم، ئەتلەس، ياڭاقلىرى داڭلىق بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن داڭلىق مەھسۇلاتلىرى بار، ئەلۋەتتە ئېسىل تائام بولغان گۆش گىردىسىمۇ ناھايىتى داڭلىق. خوتەننىڭ گۆش گىردىسى تەملىكلىكى بىلەن مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس دۇنياغىمۇ داڭلىق. گۆش گىردە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

  گۆش گىردە دۇكانلىرىنى خوتەننىڭ ھەممە جايىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىز يورۇڭقاشدىكى ‹‹ئەقىدە گۆش گىردە›› دۇكىنىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ شۇ يەرگە باردۇق. دۇكان خوجايىنى مۇھەممەت ئىمىن ھاجىنىڭ گېپىگە قارىغاندا، گۆش گىردىنىڭ ئوخشىشى ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن خۇرۇچقا باغلىق ئىكەن. چوقۇم خوتەن قويىنىڭ يېڭى سويۇلغان مۇۋاپىق سېمىزلىكتىكى گۆشى بولۇشى كېرەك ئىكەن. گۆشنىڭ توغرۇلۇشى، ئارىلاشتۇرۇلغان پىيازنىڭ نىسبىتى قاتارلىقلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بارئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قالىنىدىغان ئوتۇن، ئوتنىڭ تەپتى، قۇمۇرۇلۇدىغان ۋاقتى قاتارلىقلارمۇ دەل جايدا بولغاندىلا گۆش گىردە تەملىك پىشىدىكەن.ىوتەن گىردىسىنىڭ مەززىلىك بولۇشى ئاشپەزنىڭ ھۈنىرىدىن باشقا يەنە خوتەن قوي گۆشىنىڭ ئالاھىدە تەمىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. خوتەن قويى ئادەتتە چۆلرەك دالالاردا ۋە قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ جىلغا ئېتەكلىرىدە بېقىلىدۇ، شورلۇق تۇز يەيدۇ.

 

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر