باش بەت | مەكتەپلەر

قۇمۇل شەھەرلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپ ‹‹مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە تەربىيە مەكتىپى››دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى

       قۇمۇل شەھەرلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپ يېقىندا ‹‹مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە تەربىيە مەكتىپى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇ مەملىكەت بويىچە مۇشۇ شەرەپكە ئېرىشكەن يەتتە مەكتەپنىڭ بىرى.

      قۇمۇل شەھەرلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئاساسلىقى سىرتتىن كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ مەكتەپتىكى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا–ئانىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلىقتىن، بالىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلالمايتتى. بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە چېكىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن دەرستىن سىرتقى گۈزەل – سەنئەت، تەنتەربىيە، ئۇسسۇل، مۇزىكا دەرسى تەسىس قىلدى. گۈزەل–سەنئەتكە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغاچقا، مەكتەپ 2010 – يىلى 1 – ئايدا ئۇلارغا گۈزەل – سەنئەت ھەۋەسكارلىرى قىرائەتخانىسى قۇرۇپ بېرىپ ۋە گۈزەل – سەنئەت دەرسى بويىچە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنىڭ ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە سەھنە ھازىرلاپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان قەغەز قىيما، ياغاچ ئويما، رەسىم ۋە گەجدىن ياسالغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھەيكەللىرى قاتارلىق گۈزەل–سەنئەت ئەسەرلىرى 7000 پارچىدىن ئاشتى. 2011 –، 2012 – يىللىرى بۇ مەكتەپتىكى 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ گۈزەل – سەنئەت ئەسىرى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل–سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      بۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ ۋە يىللىقلار بويىچە پات – پات ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، خور مۇسابىقىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى، ئىلىم – پەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بۇنداق ئالاھىدە تەربىيە تەدبىرلىرى مول مېۋە بەردى. ئوزاقى يىلى بۇ مەكتەپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش ئورۇن تەرىپىدىن ‹‹باش تېما تەربىيە پائالىيىتىدىكى ئىلغار ئورۇن›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەنىدى. يېقىندا بۇ مەكتەپ يەنە مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مائارىپ تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن يۇقىرىقى شەرەپكە ئېرىشتى.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر