باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

نەتىجە تىرىشقانغا مەنسۈپ

خەيرىگۈل ئەمەت (تەكىپلىك مۇخبىرىمىز)

      ‹‹مەن خەنزۇ قىز، بۇ يىل توققۇز ياشقا كىردىم. مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. مەكتەپ يېشىغا توشقان چاغدا ئاتا – ئانامنى گاڭگىرىتىپ قويدۇم. چۈنكى، مەن ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇشنى قارار قىلغانىدىم. ئاتا – ئانام دەسلەپتە ئوقۇشتا قىينىلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا – ئۇسسۇلىنى، ئۆرپ – ئادىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ تەلىپىمگە قوشۇلدى ۋە مېنى ئۇيغۇر مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. مەن ھازىر ئۇيغۇر مەكتەپتە ناھايىتى خۇشال – خۇرام ئوقۇۋاتىمەن. ئۇيغۇر دوستلار بىلەن ئاچا – سىڭلدەك ئىناق ئۆتىمەن››.

      بۇ پوسكام ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ (ئۇيغۇر) 4 – يىللىق 2 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، خەنزۇ قىز چىن شىپيەننىڭ سۆزى. بۇ خەنزۇ قىز كىچىكىدىنلا ناخشا – ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن بولۇپ مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر دوستلىرىدىن ئۇسسۇل ئويناشنى، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەندى. قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە ئۇ بەكمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتى. چۈنكى، سەنئەتخۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسىلا ناخشا – ئۇسسۇل قايناپ كەتكەچكە چىن شىپيەن ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى ۋە ناخشا ئېيتىشىنى زوقلىنىپ كۆرەتتى. ئۆيىگە چىقىپلا ئۇلارنى دوراپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ باقاتتى.

 

 
 
      چىن شىپيەن مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن جانلىقلىقى، تىرىشچانلىقى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈندى. ھەر كۈنى كەچتە ئۇيغۇر دوستلىرىدىن ئۇيغۇر تىلى ئۆگەندى. چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى ئۇستازلاردىن سوراپ بىلىۋالمىغۇچە بولدى قىلمىدى. مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك نۇتۇق سۆزلەش، رەسىم سىزىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ خەنزۇ تىلىدا قىينىلىۋاتقان ساۋاقداشلارنى دەم ئېلىش كۈنلىرى خەنزۇ تىلىدا يېتەكلىدى. ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق – ئىجىل ئۆتۈپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.

      چىن شىپيەن 2012 – يىلى 3 – ئايدا ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. 5 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ مەكتەپكە شەرەپ ئېلىپ كەلدى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر