باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار

      بىر كۈنى، ياشىنىپ قالغان بىر ھىندىستانلىق سودىگەر بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن يېزىغا بېرىپتۇ. ئۇ شەھەرگە قايتىش ۋاقتىدا قارىسا ئالدىدا بىر ياش يىگىت تۇرغان. سوراپ كۆرسە ئۇمۇ شەھەرگە ماڭغانىكەن. ياشانغان سودىگەر ئۇنىڭغا:

      — بەللى، يېرىم يولغىچە بولسىمۇ يولدا ھەمراھ بولۇشۇپ ماڭايلى، يولدا ئىككى ئادەم بىللە ماڭسا، ھارغىنىنىمۇ بىلمەي قالىدۇ، — دەپتۇ.

      — شۇنداق تاغا، راستتىن شۇنداق بولىدۇ، ئىككى ئادەم بىللە يول ماڭسا، يول ئادەمنىڭ ئاغزىدا قالىدۇ – دە، قاچان، قانچىلىك يول ماڭغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.

      «نېمە؟ يول ئادەمنىڭ ئاغزىدا قالىدۇ...، — سودىگەر ئويلاپ قاپتۇ، — بۇ بالىنىڭ كاللىسىنىڭ سۈيى بار ئوخشىمامدۇ؟ يول دېگەنمۇ ئادەمنىڭ ئاغزىغا پاتامدۇ؟» شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، سودىگەر ھېلىقى ياش يىگىتكە:

      — ئۇكا، بولدى كەلدۇق، ئەمدى مەن ئۆيۈمگە قايتاي، — دەپتۇ.

      — تاغا، – دەپتۇ ياش يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ، — ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن بىرنى يۆتىلىپ قويۇڭ.

      سودىگەرنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن، ئۇ يۇيۇنۇپ بولۇپ كىيىمىنى كىيەي دەپ تۇرۇشىغا ئۇشتۇمتۇت دادىسىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ قاپتۇ – دە، ئىتتىك ۋارقىراپ سوراپتۇ.

      — دادا، بۈگۈن قانداق بولۇپ يۆتىلىش ئېسىڭىزگە كېلىپ قالدى؟

      — بۈگۈن مەن يولدا بىر ساراڭغا يولۇقۇپ قالدىم. ئاشۇ ساراڭ ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن بىرنى يۆتىلىپ قويۇڭ دېگەنىدى،

— دەپتۇ.

      — ساراڭ شۇنداق دېگەن؟ — قىز ھەيران بولۇپ دادىسىدىن سوراپتۇ، — دادا، ساراڭنىڭ ئاغزىدىنمۇ مۇشۇنداق ئاقىلانە گەپ چىقامدۇ؟ ئۇ چوقۇم بىر ئەقىللىق ئادەم ئىكەن.

      — ئەقىللىق ئادەمكەن؟ — سودىگەر ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كېتىپتۇ، — ئۇ باياتىن يولدا كېتىۋېتىپ، ئىككى ئادەم بىللە يول ماڭسا، يول ئادەمنىڭ ئاغزىدا قالىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ قاچان، قانچىلىك يول ماڭغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ، دېدى، قىزىم ئېيتىپ بېقىڭە، بۇ ئادەم ساراڭ بولماي نېمە؟

      — دادا، ئۇ ئادەم ساراڭ ئەمەس، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى ئىككى ئادەم پاراڭلاشقاچ مەڭىدىغان بولسا، يولدا زېرىكمەيدۇ، چارچىغانلىقى بىلىنمەيدۇ، دېگەن بولىدۇ...

      — توغرا، بۇ گەپنىڭ يولى بار، – دەپتۇ بېشىنى لىڭشىتىپ.

سودىگەرنىڭ قىزى بىر قاچا شوۋىگۈرۈچ، بىر تەخسە سەي، بىرنەچچە پوشكال تەييارلاپ، مالىيىنى چاقىرىپ دەپتۇ:

      — سارايغا تېخى يېڭىلا بىر يولۇچى كەلدى، بۇ نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەر، سەن ئۇنىڭغا بۇ تاماقلارنى سىز بىلەن بىللە شەھەرگە كىرگەن ھېلىقى سودىگەر ئەۋەتتى دېگىن، يەنە ئۇنىڭغا «دېڭىزنىڭ سۈيى لىق، ئاسماندا يۇلتۇز تولۇپ كەتتى، يەنە سەككىز تامان بار»دە. قېنى ئۇ قانداق جاۋاب بېرەركىن.

      بىردەمدىن كېيىن مالاي قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى يىگىتنىڭ سۆزىنى قىزغا يەتكۈزۈپ مۇنداق دەپتۇ:

      — ئۇ بىر ساراڭكەن خېنىم، ئۇ ھېلىقى گەپكە جاۋاب بېرىپ «دېڭىز سۈيىنىڭ يېرىمى قۇرۇپ كەتتى، ئاسماندا ئاران يەتتە – سەككىزلا يۇلتۇز قالدى، پەقەت تۆتلا تامان بار» دېدى.

      مالاينىڭ سۆزىنىڭ تۈگىشىنى كۈتمەيلا قىزچاق ئاچچىقلىنىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

      — سەن ئالدى بىلەن ماڭا جاۋاب بەر، نېمىشقا سەي ۋە تاماقلارنى ئوغرىلىقچە يېدىڭ؟

— ئوغرىلىقچە يېدىڭ؟ — قورققىنىدىن مالاينىڭ رەڭگى تاتىرىپ، قول – پۇتلىرى تىترەشكە باشلاپتۇ، ئۇ راستتىن ئوغرىلىقچە يېگەنىكەن.

      — يوشۇرماي ھەممىنى دە، — قىز غەزەپ بىلەن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ، — پوشكالدىن تۆتنى، يېرىم قاچا شوۋىگۈرۈچ ۋە سەينىڭ يېرىمىدىن جىقاراقىنى يەۋالدىڭ شۇنداقمۇ؟

      — شۇنداق، — ھەيرانلىق ئىچىدە مالاينىڭ كۆزى چىمىلداپ كېتىپتۇ.

      قىزنىڭ دادىسى ھېچ نەرسىنى چۈشىنەلمەي، قىزىدىن سوراپتۇ:

      — قىزىم ماڭا ئېيتىپ بەرگىن، سەن بۇ ئەھۋاللارنى قانداق بىلدىڭ؟

      — ئەقىل – پاراسىتىم ئارقىلىق بىلدىم، – دەپتۇ قىز كۈلۈپ تۇرۇپ، – ئېسىڭىزدە باردۇ، مەن مالايغا گەپ تاپىلىغاندا، دېڭىزنىڭ سۈيى لىق، ئاسماندا يۇلتۇز تولۇپ كەتتى، دېگەنىدىم.

      — بىراق، بۇ گېپىڭنىڭ مەنىسى نېمە؟

      — مالايغا ئىشەنمەي شۇنداق دېگەنىدىم. دېڭىزنىڭ سۈيى لىق دېگىنىم قاچىدىكى شوۋىگۈرۈچ لىق دېگىنىم ئىدى، ئاسمانغا يۇلتۇز تولۇپ كەتتى دېگىنىم سەينىڭ ئىچىدە پۇرچاق جىق دېگىنىم ئىدى، مەن ئۇنىڭغا سەككىز پوشكال ئەۋەتكەن، شۇڭا سەككىز تامان دېدىم. ئۇ بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاپ قويۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەنىسىنى چۈشىنىدىكەن. شۇڭا، ئۇ ئاشۇ جاۋابنى بەرگەن: دېڭىز سۈيىنىڭ يېرىمى قۇرۇپ كەتتى دېگىنى شوۋىگۈرۈچنىڭ يېرىمى قالدى دېگەنلىك بولىدۇ؛ ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن ئاران يەتتى – سەككىزىلا قالدى دېگىنى مالاي سەينى يەپ بىر يەرگە ئاپىرىپتۇ دېگەنلىك بولىدۇ؛ تۆت تامان دېگىنى پوشكالدىن تۆتى قاپتۇ دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇ گەپلەردىن مەن مالاينىڭ ئوغۇرلۇقچە يەۋالغانلىقىنى بىلدىم.

      سودىگەر سارايغا بېرىپ ھېلىقى ياش يىگىتنى ئۆيىگە باشلاپ كەپتۇ. قىزى بىلەن بۇ يىگىتنىڭ ئەقلىگە قايىل بوپتۇ ۋە ئۇلارنى بىر – بىرىگە قوشۇپ، ئۆزىنىڭ مال – دۇنياسىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ.

 

مەنبە: چەت .ەل ئەقىل - پەتەدەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: مېھراي