باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئىتتىپاقلىق بەخت

تۇرغۇنجان تۇرسۇن

      بۈگۈن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتساق ساۋاقدىشىمىز دولقۇن بىلەن شاۋ لى ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. سۈرۈشتە قىلساق ئۇلار ئەرزىمەس ئىشلار تۈپەيلىدىن جېدەللىشىپ قالغانىكەن. باشقىلار ئۇلارغا نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇلار بىر – بىرىگە زادىلا يول قويمىدى.

      – ئۇرۇشماڭلار! – دېدىم ئۇلارغا ۋارقىراپ، – مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىلەر يولدا جېدەل قىلىپ يۈرسەڭلار قانداق بولىدۇ؟ ئالىم خالىق ئاكا بىلەن ۋاڭ يەننا ھەدىگە قاراڭلار، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىش ئىزلىرى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈرۈۋاتسا ئەجەبا سىلەرگە ئازراقمۇ تەسىر قىلمىدىمۇ؟ بىز ھەر مىللەت بالىلىرى ئىناق ئۆتۈپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، – دېدىم.

      ئۇلار گېپىمنى ئاڭلاپ خىجىل بولدىمۇ قانداق بىر – بىرىدىن كەچۈرۈم سوراپ ئەپلىشىپ قالدى ھەم ‹‹بۇنىڭدىن كېيىن بىر – بىرىمىز بىلەن ھەرگىز ئۇرۇشمايمىز›› دەپ ۋەدە بېرىشتى. شۇ كۈندىن باشلاپ دولقۇن بىلەن شاۋ لى ئىناق دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇلار ھەر كۈنى مەكتەپكە بىللە بېرىپ – كېلەتتى، بىر – بىرىدىن تىل ئۆگىنەتتى، بىللە تەكرار قىلاتتى.

      بىر كۈنى مەكتىپىمىزدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. دولقۇننىڭ پۇتبولدا ئىقتىدارى بولغاچقا سىنىپىمىزغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە تازا قىزىۋاتقاندا توپقا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بىر ساۋاقداش دولقۇننى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتى. دولقۇن ‹‹ۋايجان!›› دېگىنىچە تىزىنى قۇچاقلاپ تۈگۈلۈپ قالدى. بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدۇق. شۇ ئەسنادا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان شاۋ لى يۈگۈرۈپ بېرىپ دولقۇننىڭ تىزىدىن چىقىۋاتقان قاننى قولياغلىقى بىلەن سۈرتۈپ ئۇنى ھاپاش قىلىپ يېنىمىزغا ئېلىپ كەلدى. بىز دەرھال دولقۇننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق. شاۋ لىنىڭ ئىشىىدىن ھەممەيلەن ئىنتايىن تەسىرلەندۇق. يىل ئاخىرىدا بۇ بىرجۈپ ‹‹قوشماق›› دوستلارنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك پىيونېر›› قىلىپ سايلىدۇق.

(ئاپتور تۇرپان شەھىرى يار يېزىسى چوڭكۆۋرۈك باشلانغۇچ مەكتىپى 6 – يىللىقتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر