باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

نېمە ئۈچۈن DVDدىكى سۈرەت VCD غا قارىغاندا تېخىمۇ سۈزۈك بولىدۇ

      بىزگە مەلۇم، VCDبىلەن DVD كىنو - تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ساقلايدىغان ئوپتىكىلىق دىسكا. ئۇلارنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن كىرتىك بار، لازېر نۇرى دىسكىدىكى كىرتىككە چۈشكەندە، قايتقان نۇر ئېلېكتىر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن پىروگرامما قويۇلىدۇ. DVD بىلەن VCD قارىماققا ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن جەھەتتە پەرقى بار. VCD غا سېلىشتۇرغاندا DVD نىڭ كۆرۈنۈشلىرى سۈزۈك، ئاۋازى ئەينەن، ‹‹ساقلىيالايدىغان›› ئۇچۇرى تېخىمۇ كۆپ، بىر VCD بىر كىنونىڭ پەقەت يېرىمىنىلا ساقلىيالايدۇ، ئەمما بىر DVD بىرقانچا كىنونى ساقلىيالايدۇ.

      DVD ھەر جەھەتتىن VCD  دىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان. DVD نىڭ كىرتىكلىرى VCD گە قارىغاندا تېخىمۇ زىچ، ھەتتا ئۇنىڭ ئارقا يۈزىگىمۇ خاتىرىلىگىلى بولىدۇ، شۇڭا، ئۇنىڭ سىغىمى بەك چوڭ.

      ئوپتىكىلىق دىسكىنىڭ ھەجىمى كىچىك بولغاچقا، VCD ۋە DVD دىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى زىچلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، VCD دىكى ئۇچۇرلار ‹‹تەڭ ئاساستا›› زىچلاشتۇرۇلىدۇ. ئەمما، DVD دا تېخىمۇ ئىلغار ‹‹سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق زىچلاشتۇرۇش›› تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ، يەنى كونكرېت ئەھۋال كونكرېت بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر سۈرەت ۋە ئاۋاز ئۆزگىرىشى ئاستا بولسا زىچلاشتۇرۇش دەرىجىسى چوڭ بولىدۇ، ئەگەر سۈرەت ۋە ئاۋاز ئۆزگىرىشى تېز بولسا، زىچلاشتۇرۇش دەرىجىسى كىچىكرەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىسكىنىڭ سىغىمى چوڭىيىدۇ، زىچلاشتۇرۇش سۈپىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، سۈرەت تېخىمۇ ئوچۇق ئاۋاز تېخىمۇ يېقىملىق بولىدۇ. 

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي