باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

 

 

      تۇرۇپ بېشىدا ۋىتامىن C بىرقەدەر مول، لېكىن سەل قاتتىق ئۇنى قەلەمچە قىلىپ پىشۇرۇپ يېسە ياكى قوي گۆشى بىلەن قىيما قىلىپ يېسە تەمى ئالاھىدە ياخشى. تۇرۇپنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ قەنىت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، لىكىن چۈرۈك. ئۇنى توغراپ سالات قىلسا ياكى قەلەمچە قىلىپ شېكەر ئارلاشتۇرۇپ يېسە بولىدۇ، تۇرۇپنىڭ يىلتىز قىسمى سەل قىرتاق بولۇپ، ئۇنى يېسە ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، پوستىنى سويۇۋىتىپ خام يېسىمۇ بولىدۇ .

ئىچى قىزىل تۇرۇپ زىيادە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

      بۇ خىل تۇرۇپتا ئېنېرگىيە مىقدارى ئاز بولغاچقا يېگەندىن كېيىن، قورساق تويغاندەك سېزىم بولىدۇ ۋە زىيادە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنداق تۇرۇپنى ئەڭ ياخشىسى ئەتمە قىلىپ يېسە ياخشى، سېتىۋالغاندا سۇلۇقراقىنى تاللاش كېرەك .

يېشىل تۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ

      يېشىل تۇرۇپنىڭ يىلتىز قىسمى تاتلىقراق، ئۇچىغا بارغانسېرى تەمى ئاچچىق بولىدۇ ھەم ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق بولۇپ، داۋاملىق يېگەندە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ئاق تۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ

      ئاق تۇرۇپنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق بولغاچقا، بەلغەمنى بوشىتىپ ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ. شۇڭا ئاق تۇرۇپنى ئەڭ ياخشىسى خام ياكى سوغۇق سەي قىلىپ يېيىش كىرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پوستىنى سويۇۋەتمەسلىك لازىم.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر