باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

پەرق

      ئۇستاز بىلەن شاگىرت سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئىككىيلەن ياۋا مېۋىزارلىقتىن ئۆتكەندە شاگىرت ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ياۋا مېۋىلەرنى ئۈزۈۋاپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۈزۈمزارلىقتا بىر بۇلاڭچى ئۇلارنى توسۇپ، ئۇلاردىن مال دۇنيا تەلەپ قىپتۇ. شاگىرت ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا ھېچقانداق مال دۇنيا يوقلۇقىنى، يېنىدا پەقەتلا ياۋا مېۋىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلاڭچى ئۇنىڭ قولىدىكى ياۋا مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ نەلەگىدۇر غايىب بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز شاگىرتىدىن قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ. شاگىرتى: «باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى بۇلىغان ئادەم ئەڭ يىرگىنىشلىك، قورقۇنچلۇق ئادەم...» دەپتۇ. ئۇستاز شاگىرتىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھېچنېمە دېمەپتۇ...

      بۇ ئىككىيلەن يولىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. لېكىن ئاچلىق ئۇلارنى ناھايىتى قىيناپتۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ئالدى تەرەپتىن بىر قانچە ئادەم ئات چاپتۇرۇپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن قامچىسىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ. بۇ ئىككىيلەنگە: «تېز چەتكە ئۆتۈڭلار، بىردەمدىن كېيىن بۇ يەردىن بىر ئەزىز مېھمان ئۆتىدۇ؟» دەپتۇ. ئۇستاز بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «بىز ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىۋاتساق، سىلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز بولمىسا، نېمىشقا بىر چەتتە تۇرىدىكەنمىز؟» دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى ئادەم: «بولدى سۆزلىمە! سىلەرگە يەيدىغان نەرسە بېرەي! بۇنى ئېلىپ تېز بىر چەتكە يوقۇلۇڭلار! بولمىسا ئاقىۋەتكە ئۆزۈڭلار ئىگە!» دېگەچ خالتىدىن ئۇزۇقلۇقلارنى چقىرىپ ئۇلارغا ئېتىپ بېرىپتۇ.

      شاگىرت بۇ ئوزۇقلۇقلارنى ئېلىپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. ئۇستاز شاگىرتىغا قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن: «ئەمدى قانداق ھېسسىياتقا كەلدىڭ؟» دەپ سوراپتۇ. شاگىرتى ناھايىتى خۇشال ھالدا: «ھەنىم بولسا ئۇلارغا ئۇچراپتۇق، ئۇلار بەك ياخشى ئادەملەركەن ئۇستاز» دەپتۇ.

      ئۇستازى شاگىرتىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «بۇلاڭچىلار بىزنىڭ يېمەكلىكىمىزنى بۇلاپ كەتتى، بىراق بۇلار بىزنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىمىزنى دەپسەندە قىلدى... » دەپتۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي