باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

 

 
 

      ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەقىللىق بولۇشى، ئۆگىنىشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەن بولسا ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئېسىدە تۇتالمايدۇ – دە، ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟ بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئۇسۇلى بار.

    قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

     قانۇنىيەتلىك بولغان كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. مەسىلەن، بالا ئۇخلىغاندا قونچىقىنى ياستۇقىنىڭ يېنىغا قويۇپ بالا بىلەن بىللە ياتقۇزۇش دېگەندەك. بۇ ئىش بالىنىڭ ئادىتىگە ئايلانغاندىن كېيىن بالا ھەر قېتىم ئۇخلاشتىن بۇرۇن قونچاقنى ياستۇقىنىڭ يېنىغا قويۇۋالىدۇ. بالا گەپ قىلالايدىغان بولغاندا ئاتا – ئانىلار: ‹‹كىم سىز بىلەن بىللە ئۇخلايدۇ؟›› دەپ سورىسا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنىڭ سۆزلەرنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

      سوئال – جاۋاب ئويۇنى ئويناش

      سوئال سوراش ئارقىلىق بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، قوشنىڭىزنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتكەندە بالىڭىزدىن: ‹‹بۇ يەردە كىم تۇرىدۇ؟›› دەپ سورىسىڭىز، بالىڭىز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: ‹‹بۇ يەردە X X ئاچا تۇرىدۇ›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بالا ئېسىدە قالغان ئۇچۇرلار ئىچىدىن مۇناسىپ ئۇچۇرنى ئىزدەپ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ تەپەككۇر قىلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ.

      قول سېلىپ ئىشلىگەندە تېخىمۇ ياخشى ئەستە تۇتالايدۇ

      چوڭلار بالىلارنىڭ ئۈلگىسى، بالىلار چوڭلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دوراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىراق، بالىلار نوقۇل چوڭلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ، بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلىمىسە ئۇلارنىڭ ئېسىدە قالغىنى تولىمۇ يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋالنى نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن: كۇبېك تىزىش ئويۇنىدا بالا بىۋاسىتە قول سالماستىن، ئاتا – ئانىلار تىزىپ كۆرسىتىپ بەرسە، بالا كېيىنكى قېتىم قانداق تىزىش كېرەكلىكىنى ناھايىتى تەستە ئەسكە ئېلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە بالا بىۋاسىتە قول سېلىپ تىزسا كېيىنكى قېتىممۇ ئوخشاشلا تىزالايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يەنى بالىنىڭ ئەستە ساقلاش ۋاقتى بەك قىسقا بولىدۇ، شۇڭا ئاتا – ئانىلار بۇ ئۇسۇلنى تەكرار قوللىنىش ئارقىلىق ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

      بالىلارغا بېشىدىن ئۆتكەن ئىشنى سۆزلىتىش

      بالىدىن ئۆزىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان مەلۇم ئىشنى سوراپ، بالا بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىشنى ئەسلەش كېرەك. دەسلەپتە بۇ ئىشنى ئاتا – ئانىلار باشلاش، ئاندىن بالىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەش، ئاخىرىدا بالىنى ئاساسلىق سۆزلىگۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بالىنىڭ ئېسىدە قالىدىغان ھېكايىلەرمۇ كۆپىيىپ، بالا ئۆتمۈشىنى ئەينەن تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان بولىدۇ، شۇنداقلا سەرگۈزەشتىسىنى ئەسلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىدۇ.

      دوستانە ئەسكەرتىش: يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇللارنىڭ كۆپچىلىككە نەپ ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر