باش بەت | سەيلىگاھلار

تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى

 

 

      كۇچا ناھىيەسىدىكى تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 64 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1600 مېتىر، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2048 مېتىر كېلىدۇ. تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى قىزغۇچ قارامتۇل رەڭلىك زور تاغ تىزمىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يەرلىك كىشلەر تەرىپىدىن ‹‹ قىزىل يار›› (ئۇيغۇرتىلىدا قىزىل رەڭلىك تىك يار دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى ئېلىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرە كۆرۈنۈشى بولۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. ئۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل 10 چوڭ جىلغىنىڭ بىرى.

 

 
 
 
 
 
 
 
 
 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر