باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان يېمەكلىك

  ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تارقىلىشچان زۇكاممۇ ئەۋج ئالىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يېمەك – ئىچمەككە دىققەت قىلساق، زۇكامغا تاقابىل تۇرالايمىز ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.

  سامساق: يۇمشاق چانالغان يېڭى سامساقتا سامساق ماددىسى مول بولۇپ، ئۇ زۇكام ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. قورۇمىلارغا يۇمشاق چانالغان يېڭى سامساقتىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشقاندا، تەملىك ھەم قۇۋۋەتلىك بولىدۇ.

  دانلىق زىرائەتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر: دانلىق زىرائەت تەركىبىدىكى سىنك ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇغداي ئۇنىدا ئەتكەن ئۈگرە بىلەن پەمىدۇر قىيامىنى بىللە ئىستېمال قىلىش ياكى يىرىك گۈرۈچ تامىقى بىلەن كۆكتاتنى بىللە ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار ساغلام غىزالىنىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

  بانان: بانان تەركىبىدىكى ۋىتامىن B6 ياللۇغقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. بانان بىلەن سولو يارمىسى قاتارلىق دانلىق يېمەكلىكلەرنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، زۇكام ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

  قىزىلمۇچ: قىزىلمۇچتىكى ئاكتىپ ماددا – كاپزائىتسىننىڭ بۇرۇن شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇش رولى بار. ئۇ زۇكامدىن بولىدىغان بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، زۇكامنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن شورپا قىلغاندا ياكى قورۇما قورۇغاندا ئازراق قىزىلمۇچ تالقىنى سېلىۋېتىش كېرەك.

  تاتلىق بەرەڭگى: تاتلىق بەرەڭگى B گۇرۇپپىدىكى كاروتىنلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېتەرلىك ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ بەدەنگە كىرىپ يۇقۇملاندۇرۇشىغا تاقابىل تۇرىدۇ. تاتلىق بەرەڭگىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، دۈملەپ، ئوتقا قاقلاپ ياكى تاتلىق بەرەڭگى قىيامى قىلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر