باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

‹‹تەپەككۇر قىلالايدىغان›› چىش كولىغۇچ

      تەييارلايدىغان ماتېرىيال: ئالتە تال چىش كولىغۇچ، بىر داس سۇ، بىر تال چاقماق قەنت، بىر پارچە سوپۇن.

      تەجرىبە باسقۇچلىرى:

      1. ئالتە تال چىش كولىغۇچنى داسقا سېلىپ چەمبەر ھالىتىدە تىزىمىز.

      2. چەمبەر ھالىتىدىكى چىش كولىغۇچلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چاقماق قەنت سالىمىز. كۆزەتسەك، چىش كولىغۇچنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنىپ چاقماق قەنتكە ئاستا – ئاستا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى، بىردەمدىلا قەنتكە چاپلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.

      3. داستىكى سۇنى تۆكۈۋېتىپ، داسقا قايتىدىن سۇ قۇيىمىز، چىش كولىغۇچلارنى يەنە چەمبەر ھالىتىدە تىزىمىز.

      4. سوپۇننى چاقماق قەنت چوڭلۇقىدا كېسىپ چەمبەر ھالىتىدىكى چىش كولىغۇچنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويىمىز، كۆزەتسەك، چىش كولىغۇچنىڭ ئۆزلۈكىدىن سوپۇندىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.

      چىش كولىغۇچ قانداقمۇ تەپەككۇر قىلالالىسۇن، بۇ پەن – تېخنىكىدىكى سېھرىگەرلىك. داسقا قەنت سالغاندا قەنت سۇنى ئۆزىگە تارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىش كولىغۇچ قەنتكە چاپلىشىدۇ. ئەمما، سوپۇن بىرخىل مايلىق ماددا چىقارغاچقامايلىق ماددىنىڭ سۇدا يېيىلىشى بىلەن چىش كولىغۇچلار سوپۇندىن يىراقلىشىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر