باش بەت | پىسخىكا

بالىلارنىڭ مەنىۋى ساغلاملىقى

مەخەت مەخمۇت

      بىر كۈنى چۈشتە ئۆيگە كېتىۋاتاتتىم. ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولغاچقا يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىپ ماڭغان بالىلار بىر ئالغانىدى. تۇيۇقسىز كەينىمدە ماڭغان بالىلارنىڭ (باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىلىقىدىكى بالىلار بولسا كېرەك) پارىڭى دىققىتىمنى تارتتى.

      – ماڭا، تەخسىكەشنىڭ بالىسى، سېنىڭ گېپىڭگە كىم ئىشىنىدۇ؟

      – ۋاي نېمە دەيدۇ ماۋۇ ئېشەك، گەپلىرىڭ نىجاسەتتەكلا سېسىق ئىكەن!

      – .....

      بۇرۇلۇپ كەينىمگە قارىدىم. بىر – بىرىدىن چىرايلىق، بويۇنلىرىغا قىپقىزىل گالىستۇك تاقاپ، يارىشىملىق مەكتەپ فورمىسى كىيگەن بۇ بالىلار ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن بىر – بىرىنى ھاقارەتلەپ مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە تالىشىۋاتاتتى.

      – سىلەر ئوقۇغۇچى بولغاندىن كېيىن ئەدەپلىك سۆزلەر بىلەن پاراڭلاشساڭلار بولمامدۇ؟ – دېدىم ئۇلارغا تەربىيە قىلماقچى بولۇپ. ئەمما، ئۇلار ‹‹سېنىڭ نېمە كارىڭ؟›› دېگەندەك ماڭا ھۆرپىيىپ قاراپ قويۇپ پارىڭىنى داۋام قىلىۋەردى. چۈشتە ئۆيگە كېلىپ بۇ ئىشلارنى ئۆيدىكىلەرگە رەنجىگەن ھالدا سۆزلەپ بەردىم. ئويلىمىغان يەردىن ئوغلۇم: ‹‹دادا، بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. مەكتىپىمىزدە سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىدىغان، مۇئەللىملەرگە لەقەم قويىدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ›› دېدى.

      بالىلار ئاتا – ئانىنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەننىڭ كېلەچىكى. ھازىر كۆپىنچە ئائىلە يالغۇز پەرزەنتلىك بولغاچقا بالىلار بەكلا ئەتىۋارلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار خۇددى ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقىللىق، باتۇر، چىرايلىق ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ھەممە ئىسسىق – سوغوقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزلىرى يېمەي بالىلىرىغا يېگۈزۈپ، ئۆزلىرى كىيمەي بالىلىرىغا كىيگۈزۈپ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلماقتا. ‹‹ئارمان›› قۇۋۋەت تالقىنى، ‹‹جياجياگەي›› قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى بالىلىرىنىڭ ئالدىغا تىزىشماقتا. ئەپسۇس، بىرقىسىم ئاتا – ئانىلار ئوماق پەرزەنتلىرىگە قايماقلىق تورت ۋە تۈرلۈك قۇۋۋەت تالقانلىرىنى بېرىپ ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىن بورداپ ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان، ئۆز ئۈمىدلىرىنىڭ چېچەك ئېچىشىغا كاپالەت ۋە ئاساس بولىدىغان ئەخلاق تەربىيەسىنى بېرىپ تۇرۇشكە سەل قارىماقتا.

      بىزدە ‹‹يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن›› دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. دېمەك، ھەرقانداق بىر ئىش قىلغاندا ئۇنى دەسلىپىدە ياخشى باشلاش، ئەتراپلىق ئويلىنىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. بىز بالىلىرىمىز چوڭ بولۇپ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇدەك بولغۇچە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا روھى – پەزىلەت، بىلىم، خىسلەت، ئىلمىي ئاڭ تەربىيەسىنى سىڭدۇرۈشىمىز لازىم.

      بالىلىق چاغلارنى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۇلىغا ئوخشاتساق، ئەخلاق تەربىيەسى شۇ ئۇلنى مۇستەھكەم قۇرۇشنىڭ پىششىق ماتېرىيالى. كىچىك ۋاقتىدا ئالغان تەربىيە تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ، ھەرىكەت ۋە خىزمەتنى كونترول قىلىدۇ. پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تېخى ئائىلە، مەكتەپ تەربىيەسى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئاغزىدىن يۇقىرىقىدەك ساغلام بولمىغان سۆزلەرنىڭ چىقىشى سەل قارايدىغان كىچىك ئىش ئەمەس.

      كىچىكىدىن ئەخلاق تەربىيەسى ئالغان بالىلار ئاتا – ئانا، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا كىچىكىدىنلا دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، پەزىلەت تەربىيەسى بېرىشىمىز، باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى، ئەيىبىنى يۈزىگە سالماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. تۈرلۈك قۇۋۋەت تالقىنى بېرىپ ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىنىمىزدەك روھىي مەنىۋىيىتىگىمۇ ‹‹ئەخلاق›› قۇۋۋەت تالقىنىدىنمۇ يېتەرلىك بېرىپ ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز لازىم.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر