باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

نەشپۈت ئۇمىچى

 

 

  كۈز پەسلىدە نەشپۈت ناھايىتى كۆپ يىيىلىدىغان بولۇپ، نەشپۈت ئۆپكىنى ياخشىلاپ، ئىسسىقنى باسىدۇ، ئەمما تال، ئاشقازىنى سوغۇق بولغانلارغا نەشپۈتنى پۇشۇرۇپ يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  نەشپۈت ئۇمىچى تۆۋەندىكىدەك ئېتىلىدۇ:

  بىرىنچى، نەشپۈتنى يۇيۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئۇششاق قىلىپ توغرايمىز. پوستىنى سويۇۋەتمەڭ، نەشپۈت پوستىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.

  ئىككىنچى، ئېھتىياجىمىزغا قاراپ گۈرۈچ ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ، سوغۇق سۇغا 30 مىنۇت چىلايمىز.

  ئۈچىنچى، قازانغا سوغۇق سۇ قۇيۇپ، نەشپۈتنى سېلىپ قاينىتىمىز.

  تۆتىنچى، قازان قايناپ چىققاندىن كېيىن، گۈرۈچنى سېلىپ، ئوتنى پەسەيتىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىمىز.

  بەشىنچى، قازان قايناپ ئۇماچ قۇيۇلغاندىن كېيىن، بىر پارچە قەنت سېلىپ ئىرىتسەكلا تەييار بولىدۇ.

 

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر