باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

باھار

گۈلغۇنچەم مىجىت

      چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە باھار يېنىك قەدەملەر بىلەن ئاستا كېلىۋاتقۇدەك؛ مېۋىلىك دەرەختىكى چېچەكلەر خۇش پۇراق تارقىتىپ كېپىنەك، ھەسەل ھەرىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئۇلارنى لەرزان ئۇسسۇلغا سېلىۋاتقۇدەك؛ باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئېرىقتا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقۇدەك؛ ياپيېشىل مايسىلار قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ چاۋاك چېلىۋاتقۇدەك. سۇ ماڭا: ‹‹مەن پاكلىقىم بىلەن ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن كىرلەرنى يۇيۇپ، كۆڭۈل ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىمەن›› دېدى. مايسا: ‹‹مەن يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتىم، مەن ئىنتايىن خۇشال، سەنمۇ مەن ئۈچۈن خۇشال بولغىن›› دېدى. گۈل – چېچەكلەر: ‹‹مەن ئۆزۈمنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئىنسانلارغا ھۇزۇر ئاتا قىلىمەن›› دېدى.

      مەن قىپقىزىل ئېچىلغان گۈلنىڭ يېنىغا كەلدىم. بىر تال گۈلنى ئۈزۈش ئۈچۈن قول ئۇزاتتىم. كىم بىلسۇن، گۈلنىڭ تىكىنى قولۇمغا كىرىپ كەتتى. مەن ئاغرىققا چىدىماي: ‹‹ۋايجان!›› دەپلا ئويغىنىپ كەتتىم. قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى ئۆينى يورۇتۇۋەتكەنىدى. مەن ئاستا سىرتقا چىقتىم، قاتار – قاتار سەپ تۈزگەن قۇشلار كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋېتىپتۇ، ئېرىقتا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىۋېتىپتۇ، مايسىلار بىخ سۈرۈشكە ئالدىراۋېتىپتۇ. توۋا، بۇ چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىم بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىكەنغۇ! ئەسلىدە باھار كەپتۇ – دە!

(ئاپتور مەكىت ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 – يىللىق 4 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر