خەلقئارادا ئېتىراپ قىلغان قاراش شۇكى، 55 ياشتىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتۈش بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. شىۋېتسىيەلىك تەتقىقاتچىلار تۈنۈگۈن مۇنداق دېيىشتى: بالىلىقىدا مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك.
تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: بەدەن ئېغىرلىقى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، بالىلىقىدا مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغانلارنىڭ يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %35، روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %65 تۆۋەن بولىدىكەن.