باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ئاغرىقنى توختىتىپ قىزىتمىنى پەسەيتىدىغان دورىلارنى ئىچىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

      ئادەتتە، ئاغرىقنى توختىتىپ، قىزىتمىنى قايتۇرىدىغان دورىلار دائىم كۆپلەپ ئىچىلسە، تەر كۆپ چىققاچقا، بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ياشانغانلار، بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلار ۋە تۇغۇلغىنىغا 3 ئاي بولمىغان بوۋاقلارغا ناھايىتى ئاۋايلاپ ئىشلىتىش كېرەك.

      ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان دورىلار ئادەتتە دائىم قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەكس تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك، بەزى بىر مۇرەككەپ بىرىكمىلەردىن ياسالغان دورىلارنى قوللىنىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ تەركىبىنى چوقۇم تولۇق بىلىش، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

      قىزىتمىنى قايتۇرۇپ ئاغرىقنى توختىدىغان دورىلار باش ئاغرىش، چىش ئاغرىش، بۇلجىڭ گۆشلەر ئاغرىش ۋە پۈتۈن بەدەن ئاغرىش قاتارلىقلارنى نورمال ۋاقىت چەكلىمىسى ئىچىدىلا ۋاقىتلىق باسالايدۇ، لېكىن چوڭراق جاراھەتلىنىشتىن بولغان قاتتىق ئاغرىقلار ۋە قورساقنىڭ سانجىپ ئاغرىشى قاتارلىقلارنى توختىتالمايدۇ ھەم رېماتىزىمدىن بولغان بۇغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارغا داۋا بولالمايدۇ، شۇڭا باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بەزى باكتېرىيىلىك يۇقۇملىنىپ قىزىغاندا، قىزىتمىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدىغان دورىلارنى بېرىپ، قىزىتمىنى قايتۇرۇشنىلا ئويلىماي، چوڭ دوختۇرخانىلارغا كۆرسىتىپ دىئاگنوزىنى ئېنىق ئايرىپ، يۇقۇملىنىشقا قارشى داۋالاشلارنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىپ، بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر