باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

كەلپىننىڭ داڭلىق ياغاچ قوشۇقى

      ئۇيغۇر بوۋاي ئەبەيدۇللا ئەۋلادتىن ئەۋلاد كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسىدا ياشاپ كەلگەن. ھەر يىلى 10 - ئايدىن كېلەر يىلى 3 - ئايغىچە دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلى بولسىمۇ، ئەمما ئەبەيدۇللا بوۋاي يەنىلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇ يەرلىك ياڭاق ياغىچىدىن پايدىلىنىپ ئۆز قولى بىلەن نەچچە يۈز ياغاچ قوشۇق ياساپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى ئازلاپ كەتمەكتە.

      ئەبەيدۇللا بوۋاي ياغاچ قوشۇق ياساش بىلەن شۇغۇنلانغىلى 30 يىل بولۇپ قالدى، ئۇ باشتا باشقىلارنىڭ ياسىغىنىغا قاراپ، شەكلىنى قەغەزگە سىزىپ، ئۇنى ياغاچنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ، بىر - بىرلەپ ئۇيۇپ چىقاتتى، شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆز قولى بىلەن ياغاچ قوشۇق ياساشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

      يەرلىكتىكى كىشىلەر ياغاچ قوشۇقتىن پايدىلىنىپ تاماق يەپ، شورپا ئىچىپ ئادەتلەنگەن، ياغاچ قوشۇق ئىشلەتكەندە قول ۋە ئېغىز كۆيمەيدىغان بولغاچقا، ئاشخانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاشخانا سايمىنى بولۇپ قالغان. ياغاچ قوشاق كۆرۈنۈشتە كچىككىنە نەرسىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ياساش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ماتېرىيال تاللىغاندا قۇرۇلمىسى زىچ بولغان ياڭاق ياغىچى تاللاش كېرەك، چىلاپ يۇمشىتىش، كېسىش، ئۇيۇش، سىلىقلاش قاتارلىق جەريانلار كېتىدىغان بولغاچقا، بىر كۈندە ئاران 10 نەچچە تال قوشۇق ياسىغىلى بولىدۇ.

 

 

ئەبەيدۇللا بوۋاي نەپىس ياسالغان قوشۇقلارنى كۆرسەتمەكتە

 

 

ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن قوشۇق ياسىماقتا

      ئەبەيدۇللا بوۋاي ئۆز ئەمگەك مېۋىسىدىن ئىنتايىن رازى ئىدى. ئۇ: ‹‹مەن زاكاسقا ئاساسەن ياساپ بېرىمەن، كونا خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى ئۆيگە كېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ، بىر قوشۇقنى 2 يۈەندىن ساتىمەن، بىر يىلدا 7 - 8 يۈز دانە ياسىسام، تەخمىنەن 1500 يۈەن تاپالايمەن›› دېدى.

      ئەبەيدۇللا بوۋاي ياسىغان ياغاچ قوشۇقلار چىرايلىق ۋە چىداملىق بولغاچقا، يېقىن - يىراقتىكى يۇرتداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى ھۈنەر سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا دوستلىرىغا سوۋغات قىلغان. ئىككى يىل ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئەبەيدۇللا بوۋاينى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى دەپ باھالىدى، ھەر يىلى ئۇنىڭغا مۇكاپات ئورنىدا 600 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىپ، ئۇنى ۋارىسلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە، بۇ ھۈنەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

      ئەبەيدۇللا بوۋاي مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ماڭا نۇرغۇن ئىلھام ۋە ياردەم بەردى، ياشلارنىڭ ھۈنەر ئۆگىنىش ئۈچۈن مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەم بەك خۇشال بولىمەن، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ ھۈنەرنى ئۆگىتىمەن، ئۇلار بۇ ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ياغاچ قوشۇق ياساش ھۈنەر سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ››.

 

 

قولدا ياسالغان ياغاچ قوشۇق

 

 

ياڭاق ياغىچى ۋە ياغاچ قوشۇق

 

 

ياغاچ قوشۇق ياساش ئۇستىسى ئەبەيدۇللا بوۋاي

 

 

ئۇ قوشۇق ياساش بىلەن ئالدىراش بولماقتا

 

 

ئېسىل نەپىس ياسالغان ياغاچ قوشۇقلار

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر