(مەسەل)
مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتۇغ
ئىت بىلەن ئوغلاق دوست ئىكەن. ئۆچكە ئوغلىقىنىڭ ئىتنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئوغلىقىغا:
— بالام، ئىت ئىنتايىن قارا نىيەت، ئۇنىڭ گېپىگە ھەرگىز كىرمە، — دەيدىكەن.
يازنىڭ بىر كۈنى ئىت بىلەن ئوغلاق يايلاققا بارماقچى بولۇپ بىر ئۆستەڭگە دۇچ كەپتۇ.
— سەن سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيسەن، شۇڭا مەن ئاۋۋال ئۆتۈپ ساڭا ئۇ ياقتىن تۇتۇپ ئۆتكۈدەك بىرەر نەرسە تاشلاپ بېرەي، — دەپتۇ ئىت. ئوغلاق ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ:
— ياق، مەن باشتا ئۆتىمەن، — دەپتۇ – دە ئۆستەڭگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. ئۇ سۇ ئۈزەلمىگەچكە بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ ئېقىشقا باشلاپتۇ. ئىت ئۇنى مىڭبىر جاپادا قۇتقۇزۇۋاپتۇ.
قىش كەپتۇ. ئۇلار يەنە يايلاققا بارماقچى بولۇپ ھېلىقى ئۆستەڭگە دۇچ كەپتۇ. ئىت:
— سەن ئاۋۋال ئۆت، چۆكۈپ كەتكۈدەك بولسام بىرنېمە تاشلاپ مېنى قۇتقۇزۇۋالغىن، — دەپتۇ. بىراق، ئوغلاق:
— ياق، سەن ئاۋۋال ئۆت، سەن مېنى قۇتقۇزالمايسەن، — دەپتۇ.
ئىت تۆت تاقلاپلا مۇزدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئوغلاق ئاستا مۇزغا كىرىپتۇ. ئىت ئۆتكەندە بوشاپ قالغان مۇز ئوغلاق كىرىشى بىلەنلا يېرىلىپ، ئوغلاق سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئىت شاخ – شۇمبىلارنى تاشلاپ ئوغلاقنى قۇتقۇزۇپتۇ.
ياندۇرقى يىلى كۈز پەسلى ئىكەن. ئىت بىلەن ئوغلاق خامانغا بېرىپتۇ. يېڭىلا تېپىلىپ چەش بىلەن سامان ئايرىلغان خاماننى كۆرۈپ ئىت:
— بۇنى ئىگىمىز بىز ئۈچۈن تەييارلىغان، داننى ئالامسەن، ساماننىمۇ؟ — دەپ سوراپتۇ.
ئوغلاق بىر دۆۋىلەگلىك چەشكە، بىر تاغدەك ئېگىز سامان دۆۋىسىگە قاراپ دەپتۇ:
— ساماننى ئالىمەن.
— ساماننى ئالساڭ زىيان تارتىسەن، — دەپتۇ ئىت، — داننى سەن ئال، ساماننى مەن ئالاي.
— مېنى ئەخمەق كۆرۈپ بوزەك قىلاي دەۋاتامسەن؟ مېنىڭ ساماننى ئالغىنىم ئالغان! — دەپتۇ ئوغلاق. ئىت مۇلايىملىق بىلەن:
— سەن مەندەك دوستۇڭنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدىڭ، خەير، ئۆزۈڭنىڭ شورى، — دەپتۇ.
— ئانام سېنى دوستىمىز ئەمەس دېگەن، — دەپتۇ ئوغلاق ساددىلىق بىلەن.
— مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە، — دەپتۇ ئىت، — دۈشمەن بولغان تەقدىردىمۇ سۆزۈمنى دەڭسەپ كۆرسەڭ بولاتتى. چۈنكى، دۈشمەننىڭ ھەممىسىلا سېنى ئورىغا ئىتتىرىۋەرمەيدۇ. بۇنى ھەق – ناھەقنى پەرق ئېتەلەيدىغان كاللاڭ بولسىلا پەملىيەلەيسەن.
ئىت سۆزىنى تۈگىتىپ، ئالتۇندەك چەشلەرنى ئۇن قىلىپ، ئېسىل تاماقلارنى ئېتىپ يەپتۇ. ئوغلاق ساماننى كۆشەپ پۇشايمان بىلەن ئىتقا قاراپلا قاپتۇ.
(ئاپتور مارالبېشى ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)