باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

لېي فېڭ خاتىرىسىدىن

      1960 – يىلى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس بىر كۈن. ئۇ كۈنى مەن شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم. ئۇلۇغۋار غايەم ئەمەلگە ئاشتى.

      يۈرىكىم ھاياجاندىن تىنماي سوقماقتا! ئېھ، ئۇلۇغ پارتىيەم! دانا داھىمىز ماۋجۇشى! سىز ماڭا يېڭى ھاياتلىق بەخش ئەتتىڭىز. مەن چىدىغۇسىز ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان ۋە يورۇقلۇققا ئىنتىزار بولغان پەيتتە مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالدىڭىز؛ ماڭا ئاش – نان، كىيىم – كېچەك بەردىڭىز؛ مېنى مەكتەپتە ئوقۇتتىڭىز؛ مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى تولۇق پۈتتۈردۈم، بوينۇمغا قىزىل گالستۇك تاقىدىم؛ شەرەپلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدۇم؛ ۋەتىنىمنىڭ سانائەت قۇرۇلۇشىغا قاتناشتىم ھەمدە ۋەتىنىمنى قوغداشنىڭ جەڭگىۋار سېپىگە ئاتلاندىم. سىز ماڭا ئوخشاش مىسكىن، يېتىم بالىنى تەربىيەلەپ بىلىمگە ۋە ئاڭ – سەۋىيەگە ئىگە كومپارتىيە ئەزاسى قىلىپ يېتىشتۈردىڭىز.

      ئېھ، ئۇلۇغ پارتىيەم، سىز مېھرىبان ئانام. بارلىقىم سىز ئۈچۈن، مەن سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن، سەمىمىي ئوغلىڭىز بولىمەن.

      بۈگۈن پارتىيە ئەزاسى بولۇپ جاسارىتىم تېخىمۇ ئاشتى، پىكرىم تېخىمۇ ئېچىلدى. نەزەر دائىرەم كېڭەيدى. مەن كومپارتىيە ئەزاسى، خەلقنىڭ چاكىرى. پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى، ئازادلىقى، بەخت – سائادىتى ۋە پارتىيە، خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا كىرىشكە، تىلسىمات تاغ چوققىلىرىغا چىقىشقا تەييارمەن. بېشىم كېتىپ سۆڭەكلىرىم ئۇۋۇلۇپ كەتسىمۇ ئاتەش قەلبىمنى مەڭگۈ پاك ساقلايمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر