باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

تىلەك

      بىر ئۇچقۇچى ئايروپىلاندىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەندە، قېرىشقاندەك پاراشوتى ئېچىلماي قاپتۇ.

ئۇچقۇچى يەرگە چۈشۈش جەريانىدا كۆڭلىدە: «تەڭرىم، مېنى چۆپ دۆۋىسىگە چۈشۈرسەڭ، ئۇ چاغدا مەن ھايات قالالىغان بولاتتىم» دەپتۇ. بىراق ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ بۇنداق ياخشى ئىشقا ئۇچرىيالمايدىغانلقىغا كۆزى يېتىپتۇ. چۈنكى، ھازىر كىشىلەر بارغانسېرى ھۇرۇنلىشىپ، ھېچكىممۇ ئات – ئۇلاغلىرىغا يەم – خەشەك تەييارلاپ بەرمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.

      ئۇچقۇچى يەنە داۋاملىق تۆۋەنگە چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئۇ يەنە: «تەڭرىم، مېنى بىر مۇۋاپىق يوتقان زاۋۇتىغا چۈشۈرۈپ قويساڭ بولاتتى» دەپتۇ.

      ئۇچقۇچى بارغانسېرى يەرگە يېقىنلىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىرقى قېتىم تەڭرىدىن: «تەڭرىم، مېنى تاش قازىدىغان ئازگالغا چۈشۈرۈپ قويساڭمۇ ياخشى بولاتتى، چۈنكى ھازىر بۇنداق ئازگالدا قېلىن قار بار، مەن بۇنداق ئازگالغا چۈشۈپ كەتسەممۇ ھېچ بولمىغاندا ھاياتىمغا خەۋپ يەتمەيتتى» دەپ ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنە ئوخشاشلا بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ ئۆزىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ. چۈنكى ھازىر كىشىلەر بارغانسېرى ھۇرۇنلىشىپ، ھېچكىممۇ تاش قازمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.

      ئۇچقۇچى ئاخىرى يەرگە، تاغدەك بىر ئەخلەت دۆۋىسىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ ئەخلەت دۆۋىدە ھەر خىل خالتا بىلەن قەغەز يەشىكلەر بار ئىكەن. ئۇچقۇچى شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قاپتۇ. ھەم: «ھەر نېمە بولسا، كىشىلەر بارغانسېرى ھۇرۇنلىشىپ ھەتتا ئەخلەتلەرنىمۇ يىغىشتۇرمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، بولمىغان بولسا، مەن ئۆلۈپ كېتەتتىم» دەپ ئويلاپتۇ ھەم ئەخلەت دۆۋىسىدىن چىقىپتۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي