باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئانا

سىپىگۈل تۆمۈر

      ئانا، سەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان. سەن بىر قولۇڭدا بۆشۈكنى تەۋرەتسەڭ، يەنە بىر قولۇڭدا دۇنيانى تەۋرىتىسەن؛ سەن سېخىي قۇياش، مېھىر نۇرۇڭنى چېچىپ ھارمايسەن؛ سەن پەرزەنت ئۈچۈن يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئۆزۈڭنى تاشلاشقا، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دولقۇنغا سەكرەشكە رازىسەن؛ سەن قەيسەر، پىداكار بولغاچقا قىيىنچىلىق ئالدىدا ھاياتقا كۈلۈپ باقالايسەن؛ كەڭ قورساقلىقىڭ بىلەن پەرزەنتىڭنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈۋېتىسەن.

      ئانا، ھەر قېتىم يىقىلغىنىمدا ‹‹بالام، ئورنۇڭدىن تۇر!›› دېگەن ئاۋازىڭ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ. سەن ماڭا جاسارەت ئاتا قىلىسەن، ھەر قېتىمقى تەربىيەڭدا ئەدەپ داستانىدىن سۆز ئېچىپ ماڭا ئادىمىيلىكنى، ئاق – قارىنى پەرق ئېتىشنى، ياخشى ئادەم بولۇشنى ئەمەلىيىتىڭ بىلەن ئۆگىتىسەن.

      قەدىرلىك ئانا، سېنى قەدىرلەيمەن، چەكسىز ئۇلۇغلايمەن. سېنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈڭنى، ساغلام بولۇشۇڭنى تىلەيمەن.

(ئاپتور كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر