باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

ئېلېكتىرونلۇق كىتاب - ژۇرنال دېگەن نېمە

      ئادەتتىكى كىتاب - ژۇرناللارنىڭ ئورىگىناللىرى ئاۋۋال تەھرىرلىنىپ، ئاندىن قەغەزگە بېسىپ تۈپلىنىدۇ. ئاخىرىدا، كىتابخانا ۋە گېزىت - ژۇرنال بوتكىلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئوقۇرمەنلەرنڭ قولىغا تېگىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاۋازسىز ئوقۇشلۇقلاردۇر.

      X X  ئەسرىنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ، كىشىلەر كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ھەرپ تىزىدىغان بولدى. كىتاب - ژۇرناللارنى كومپيۇتېردا تىزىپ نەشر قىلغاندىن كېيىن، كوميۇتېردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قوشۇمچە مەھسۇلات سۈپىتىدە ماگنىت دىسكا، يۇمشاق دىسكىلاردا ساقلايدىغان بولدى، بۇ كىتاب - ژۇرناللارنىڭ ‹‹ئېلېكتىرونلۇق نەشرى››دەپ ئاتالدى.

      XX ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدن كېيىن، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، يېزىق بىلەن ئاۋاز، رەسىم، كارتون قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار بولدى. بۇنىڭ ىبلەن، كومپيۇتېردىكى بىر پارچە ئاددىي سۈرەتنى يازمىچە چۈشەندۈرگەندىن باشقا، سۆزلىتىش ۋە ھەرىكەت قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. بۇنداق يېڭى تىپتىكى ئاۋازلىق ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ۋە گېزىت - ژۇرناللار ‹‹ئېلېكتىرونلۇق كىتاب - ژۇرنال›› دەپ ئاتالدى. ئېلېكتىرونلۇق كىتاب - ژۇرناللارنى ماگنىتلىق دىسكا ۋە ئوپتىكىلىق دىسكىدا ساقلىغىلى بولىدۇ ياكى تور پونكىتلىرىدا ساقلاپ، كىشىلەرنى توردىمۇ كىتاب كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

      ئېلېكتىرونلۇق كىتاب - ژۇرنالنىڭ يېزىقى، رەسىمى، ئاۋازى بولۇپلا قالماي، ئۇچۇر سىغىمچانلىقىمۇ ئىنتايىن چوڭ، كىچىك بىر ئوپتىكىلىق دىسكىدا 10 مىليون خەتلىك قامۇسنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا ماتېرىيال ئىزدەشمۇ ئىنتايىن قولايلىق. توردىكى ئېلېكتىرونلۇق كىتاب - ژۇرناللار يەنە ھەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق كىتاب - ژۇرناللار يەنە ھەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق كىتاب - ژۇرناللار شۇنچە كۆپ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، كىتابخانلارنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي