باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

شىجائەتلىك ئۆسمۈر

ياسىنجان توخنىياز (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز)

      ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 1 – سىنىپ پىيونېرلار ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ئۆگىنىش ھەيئىتى مەرھابا ئېلى توغرىسىدا گەپ بولۇنسا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇنى ماختىمايدىغانلار يوق.

      مەرھابا ئېلى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئىجتىھات بىلەن ئۆگەندى. ئىقتىسادچىل بولۇپ قىينچىلىقى بار ساۋاقداشلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدى. ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ ساۋاقداشلىرىغا ئۈلگە بولدى. ھەر كۈنى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا، مۇستەقىل، ئەستايىدىل ئىشلىدى. چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى ئۇستازلىرىدىن سوراپ بىلىۋالمىغۇچە بولدى قىلمىدى. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن دەرستە يېتىشەلمىگەن ساۋاقداشلىرىغا تەكرار قىلىپ بەردى. ئۇ ئىتتىپاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىجىل – ئىناق ئۆتكەچكە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

 

 
سۈرەتتە: مەرھابا (ئوتتۇرىدا) ساۋاقداشلىرىغا دەرس چۈشەندۈرۈپ قويماقتا.

      مەرھابا ھەر يىلى مەكتەپ، يېزا بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹ئىلغار ئەترەت كادىرى›› بولۇپ باھالانغاندىن سىرت 2009 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسىلە يېشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشىپ مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈردى. 2010 –، 2011 – يىللىرى ناھىيە بويىچە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ‹‹ئون مۇنەۋۋەر پىيونېر››نىڭ بىرى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار پىيونېر›› بولۇپ تەقدىرلەندى. 2012 –يىلى 5 – ئايدا ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر