باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

كەچۈر، ئوغلۇم

    بىبىزۇھرەت قۇربان

      بالىلىق قەلبىڭ بۈگۈن يەنە ئازار يېدى. يىغلىغان پېتىڭ كىيىمىڭنىمۇ سالماي، كارىۋىتىڭنىڭ بىر بۇرجىكىدە يېتىپ ئۇخلاپ قاپسەن. تېخى بايىلا سىرتتا ئويناپ كەچ قايتىپ كەلگەنلىكىڭ ئۈچۈن سېنى ئۇرۇپ سالغانىدىم. چۈنكى، قاراڭغۇ چۈشكىچە ئۆيگە كىرمىسەڭ تولا تەشۋىشلىنىپ ئاچچىقىمنى باسالمىغانىدىم. ئۆز ئۆيۈڭدىمۇ نېمىدىندۇر قورۇنغاندەك تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قالغان ھالىتىڭگە قاراپ ئىچىم سېرىلدى. كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى، ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، چۈنكى مەن بۇ قېتىممۇ ۋەدەمدە تۇرالمىدىم، ئوغلۇم!

      ھېلىمۇ ئىسىمدە، قايسى بىر كىتابتىن، ‹‹ئاتا – ئانىلار بالىسىنى ئۇرغاندا پەقەت تاياق يېگەن بالىنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتكىنىنىلا كۆرۈپ، تاياقنىڭ بالىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرىنى ئويلاشمايدۇ. ئەگەر ئۇلار تەن جازاسىنىڭ بالىلىرىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى بىلسە ئىدى، بالىلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇرمىغان بولاتتى›› دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەرقانچە خاتالىق ئۆتكۈزسەڭمۇ سېنى ئۇرماسلىق، چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق قايىل قىلىش، خاتالىقىڭنى تۈزىتىشىڭگە ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئۆزۈمگە ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق، بۈگۈن بىر ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن سېنى ئۇرۇپ قويۇپ، ئۆزۈمنىڭ يارامسىزلىقىمنى چاندۇرۇپ قويدۇم. مېنى كەچۈر، ئوغلۇم! سەن تېخى بالا ئەمەسمىدىڭ؟ بەلكىم ئويۇن بەك قىزىپ كەتكەن بولسا مېھرىڭنى ئۈزەلمىگەن بولغىيتىڭ، سېنى كەچۈرۈۋېتىش تامامەن قولۇمدىن كېلىدىغان تۇرۇپ، ئۆزۈمنى باسالمىغىنىم نېمىسى؟ ساڭا قاراپ يېنىڭدا ئۇزاق ئولتۇردۇم. كىچىك چېغىڭدىكى بەزى ئىشلار كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى... ئەمدىلا ئايىغىڭ چىققان مەزگىللەردە چېنىنى تۈز تۇتالمىغاچقا تامىقىڭنى گىلەمگە تولا تۆكۈۋېتەتتىڭ. شۇنداق ۋاقىتلاردا كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ:« يەنە تۆكەمسەن؟ » دەپ ۋارقىرغىنىمچە گىلەمنى تازىلاشقا باشلايتتىم. قاتتىق ۋارقىرغىنىمدىن چۆچۈپ يىغلاپ كېتەتتىڭ. شۇ چاغدىكى غەزەپلەنگەن ھالىتىم كۆزۈڭگە ئانا ئەمەس، بەلكى بىر رەھىمسىز يىرتقۇچتەك كۆرۈنگەن بولغىيتتى – ھە! بەزىدە سۆزلىرىڭنى ئۇقتۇرالماي بىر سۆزنى قايتا – قايتا تەكرارلاپ كېتەتتىڭ ياكى خاتا سۆزلەپ قوياتتىڭ. بەزىدە تېز ماڭىمەن دەپ يىقىلىپ چۈشۈپ، يېڭىلا ئالماشتۇرۇپ قويغان كىيىملىرىڭنى مەينەت قىلىۋېتەتتىڭ. شۇنداق چاغلاردا سېنى ‹‹ھەي، دۆت! كېكەچلىمەي تۈز گەپ قىل! ھۇ، پالاكەت!›› دەپ ئەيىبلىگەنىدىم. شۇ چاغلاردا، سېنى قاچان چوڭ بولاركىن، قاچان يەسلى يېشىغا يېتەركىن، قاچان مەكتەپكە كىرەركىن دەپ كۈن ساناپلا يۈرۈپتىكەنمەن. مانا يەسلىنىمۇ تۈگەتتىڭ، مەكتەپكىمۇ كىردىڭ، كۈنلەر شۇنچىلىك تېز ئۆتتىكى، تاماقنى ئۆزۈڭ تۆكمەي يەيدىغان، كىيىمىڭنى ئۆزۈڭ كىيەلەيدىغان، ئۆزۈڭ يۇيالايدىغان، ئوينىغىلى چىقىپ كېتىپ كەچ قايتىپ كىرىدىغان، ھەتتا خاتىرە تۇتۇپ، مەخپىيەتلىكلىرىڭنى يازىدىغان بولدۇڭ. دېمەك، قانچە مۇستەقىل بولغانسېرى بىزدىن شۇنچە يىراقلىشىپ كېتىپسەن.

      نادان ئاناڭ بالدۇر چۈشەنگەن بولسا گۆدەك چاغلىرىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاشۇ خاتالىقلىرىڭ دەل داداڭ ئىككىمىزدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدىغانلىقىڭنىڭ، بىزنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىمىزگە نەقەدەر موھتاج ئىكەنلىكىڭنىڭ ئىپادىسىكەن ئەمەسمۇ؟! ئەسلىدە ھاياتىمنى ئاۋۇندۇرۇپ، دىلىمغا سۆيۈنۈش چىرىغىنى ياققان سېنىڭدەك ساغلام، ئەقىللىق، ئوماق، تاتلىق ئوغلۇمنىڭ بولغانلىقىدىن تەڭرىگە مىڭ مەرتىۋە تەشەككۈر ئېيتسام ئاشۇ گۈزەل خاتالىقلىرىڭدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانسام توغرا بولاتتىكەن.

ئوغلۇم، ھازىر كۈندىن – كۈنگە چوڭ بولۇۋاتىسەن. يەنە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىزدىن ئايرىلىپ پۈتۈنلەي مۇستەقىل تۇرمۇشقا قەدەم قويىسەن. بۇ جەرياندا يەنىلا خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايسەن. لېكىن، بۇ چاغدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ گۆدەك چاغلىرىڭدىكى مەن بايا ئېيتقان خاتالىقلىرىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا مۇۋەپپەقىيىتىمۇ، مەغلۇبىيىتىمۇ بولىدۇ. شۇڭا سەن مۇۋەپپەقىيەتكە قانداق، مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش، مەغلۇپ بولغاندا يىقىلغان ئورنۇڭدىن قانداق دەس تۇرۇشنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك. چۈنكى، سەن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر تېخى نۇرغۇن.

ئەپسۇس، ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن سېنى بۇ دۇنياغا ئېلىپ كەپتىمەن – يۇ، ساڭا قانداق ياشاش توغرىسىدا ھېچنېمە ئۆگەتمەپتىمەن. خۇددى ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا مۇكەممەل بولىدىغاندەك سېنى ئەيىبلەپ، سېنىڭدىن قۇسۇر تېپىپ، ئاغرىنىپلا يۈرۈپتىمەن. سېنى ئوبدان تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۇچرىغانلا كىتابنى ئوقۇپتىمەن – يۇ، ھېچقايسىسىغا ئەمەل قىلماپتىمەن. باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايمەن دەپتىمەن – يۇ، يەنىلا سېلىشتۇرۇپ كۆڭلۈڭگە ئازار بېرىپتىمەن. باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندە، رەھمەت ئېيتىشنى ھەر ۋاقىت سەمىڭگە سېلىپ تۇرۇپتىمەن – يۇ، سەن ھەر قېتىم ماڭا ياردەم قىلىپ ئۆي تازىلىشىپ، تاماق ئېتىشىپ بەرگىنىڭدە، ئۇكاڭنى يەسلىگە ئاپىرىپ – ئەكەلگىنىڭدە ساڭا بىرەر قېتىممۇ رەھمەت ئېيتماپتىمەن. ‹‹ئەقىللىق ئانىنىڭ ئاقىلانە سۆزلىگۈچى بولغىنىدىن دانا ئاڭلىغۇچى بولغىنى ياخشى›› دېگەن سۆزنى بىلىپ تۇرۇپ سۆزلىرىڭنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭىلىماپتىمەن. پەقەت مېنىڭ سۆزۈمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىشىڭنى ۋە ئەمەل قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىپتىمەن...

      ئوغلۇم، ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى يوق قىلىدىغان ئامىل دەل ‹‹مەن سېنى بېقىپ چوڭ قىلدىم›› دېگەن سۆز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ سۆزنى سېنى قارىتىپ تۇرۇپ قانچە قېتىم ئېيتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن. ھەربىر ھەرىكىتىم، ھەربىر سۆزۈمنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىڭگە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغىنىنى، دائىم ئەيىبلەش ئىچىدە چوڭ بولساڭ ئۆزۈڭگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدىغىنىڭنى بىلىپ تۇرۇپ، كۆڭلۈڭگە ئازار بېرىپ كەپتىمەن. سېنى ئۆزگەرتىپ ئەڭ مۇنەۋۋەر بالا قىلىپ چىقىشنى ئويلاپتىمەن – يۇ، ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. تەڭرى بىزگە تەن بىلەن بىللە سۆيگۈنىمۇ ئاتا قىلغان ئىكەن. بىراق، مەن ساڭا ئانىلىق سۆيگۈمنى تولۇق يەتكۈزەلمەپتىمەن.

     رۇس يازغۇچىسى چېخوفنىڭ ‹‹پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە ئانىنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ، ئانا بالىسى بىلەن بىر ھېسسىياتتا بولالايدۇ، بىللە يىغلىيالايدۇ، بىللە كۈلەلەيدۇ... يالغۇز نەزەرىيە ۋە ساۋاتقىلا تايىنىش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ›› دېگەن سۆزى ھېلىمۇ يادىمدا. بىراق، مەنچۇ؟ مەن قانداق ئانا؟ ئوغلۇم، چوڭ بولۇپ مېنىڭ ھاياتىڭغا چەككەن ئىزنالىرىمنى ئىزدىگىنىڭدە، مېنىڭدىن مۇشۇ قىلمىشلىرىمنى كەچۈرەرسەنمۇ؟ ياكى بۇ دۇنياغا كېلىپ تۇنجى تونۇغان ئادىمىڭنىڭ يارامسىزلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ئۈمىدىڭنى ئۈزەرسەنمۇ؟ ياق! ياق!... ھەرگىز، ھەرگىز ئۇنداق قىلمىغىن ئوغلۇم! ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، شەخسىيەتچى ئاناڭنى كەچۈر، ۋەدىسىدە تۇرمىغان، نادان ئاناڭغا يەنە بىر قېتىم، ياق، ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بەرگىن! مەن ئالدى بىلەن سېنى ئەمەس، ئۆزۈمنى ئۆزگەرتەي، چەكسىز مېھىر – مۇھەببىتىم بىلەن سېنى قەدىرلەپ، باغرىمغا باساي، ساپ ئەقلىم ۋە ۋىجدانىم بىلەن سېنى تەربىيەلەپ قاتارغا قاتاي. سەنمۇ مېنىڭدىن ئالغان ئانىلىق مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە مۇھەببەتلىك ياشا! شۇنداقلا ئۇنى داۋاملاشتۇر! ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئانا – بالىلىق مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملاشسۇن!

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر