باش بەت | چولپانلار

ساندىيا مۇرىدىر

     

 

      ئىسىم - فامىلىسى: ساندىيا مۇرىدىر

      تۇغۇلغان ۋاقتى: 1974 - يىلى

       تۇغۇلغان جايى: ھىندىستان ساندىيا مۇرىدىر ھىندىستاندىكى بىر باي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان. كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە رول ئېلىشنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئوقۇشنى توختىتىپ، ZeeTV غا قاتناشقان ۋە نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئاساسلىق رولنى ئالغان. ئۇنىڭ رول ئېلىشى پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان، پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن سېنارىيىلەردە رول ئېلىشنى خالايتتى.

      ‹‹سۇيىقەست ۋە نىكاھ ›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇنىڭ داڭقىنى بىراقلا چىقىرىۋەتتى. ھازىر ئۇ ھىندىستان كىنوچىلىقىدا ئالدىنقى قاتاردىكى چولپانغا ئايلاندى. ئۇ رول ئالغان فىلىملەرنى تاماشىبىنلار ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. 2003 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش تاختاي توپ مۇسابىقىسىدە ئۇ ئوبراز ئەلچىسى بولغان.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئاينۇر