باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بەش خىل مېۋە

      شوخلا: ئەگەر ئادەم بىر كۈندە 40 گىرام شوخلا يەپ بەرسە ئاپتاپتا كۆيۈش نىسبىتى % 40 تۆۋەنلەيدىكەن. شوخلا تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تېرىنى قوغدايدىكەن. ئەگەر شوخلىنى پىشۇرۇپ يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

      مايمۇن شاپتۇلى(مىخۇتاۋ): ماۇمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى تېرىدە قارا پېگمېنت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قارا داغنى يوقىتىدۇ ياكى سۇسلاشتۇرىدۇ. قۇرغاق ۋە مايلىق تېرىنى ياخشىلاشتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار.

      ئاپېلسىن: ئاپېلسىن تەركىبىدە ناھايىتى مول ۋىتامىن C بولۇپ، تېرىنىڭ قۇياش نۇرىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلاپ پارقىراق قىلىدۇ. تەركىبىدىكى ۋىتامىن B2 B1لەر تېرىنىڭ مېتابولىزمى بىلەن قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ تېرىنى ئاق قىلىدۇ.

      لىمون: لىموننىڭ ئىشقارلىقى يۇقىرى بولۇپ، قان ئايلىنىشقا پايدىلىق. ئۇ بەدەندىكى سۇيۇقلۇقنى نورمال تەڭپۇڭ ھالەتكە تەڭشەپ قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. قارا پېگمېنتنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلەپ تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ. تېرىدىكى ماينى يوقىتىپ تېرىنى ئاقارتىدۇ.

      تاۋۇز: تاۋۇز بەدەننىڭ ھارارىتىنى تەڭشەپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ. تاۋۇزنىڭ سۇ تەركىبى تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر