باش بەت | قانۇن

ئوقۇتقۇچىلار قانداق ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ

       ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى››نىڭ 7 – ماددىسىدا، ئوقۇتقۇچىلار بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلار ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ ھوقۇقلار تۆۋەندىكىچە:

      1. مائارىپ، ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە تەجربىلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

      2. پەن تەتقىقات، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ كەسپىي ئىلمىي تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ، ئىلمىي پائالىيەتلەردە ئۆز پىكىرىنى تولۇق بايان قىلىدۇ.

      3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق–پەزىلىتى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىدۇ.

      4. ۋاقتىدا ئىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ. دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتى–قىشلىق ۋە يازلىق تەتىللەردە ئىش ھەققى بېرىلىدىغان دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

      5. مەكتەپنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق، مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىدۇ.

      6. بىلىم ئاشۇرۇش ياكى باشقا شەكىللەردىكى تەربىيەلەشكە قاتنىشىدۇ.

      7. ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› كۈنىدە بىر كۈن ئارام ئالىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر