باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

تاشپاقىنىڭ ئۆمرى

      تەبىئەت دۇنياسىدا تاشپاقىنى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ھايۋان، دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللاردا ۋە خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە تاشپاقىلار ئىچىدىكى نۇرغۇن ‹‹ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرى›› نەچچە ئەسىرنىڭ بوران – چاپقۇنىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

      كورىيەدىكى بىر بېلىقچى ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر، ئېغىرلىقى 90 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر دېڭىز تاشپاقىسىنى تۇتۇۋالغان. ئۇنىڭ دۈمبىسىگە نۇرغۇن ئوستېر قۇلۇلىسى ۋە ۋېستىبۇلا قۇرتى چاپلىشىۋالغان بولۇپ ياپيېشىل كۆرۈنىدىكەن. ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ 700 نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بايقىغان. 1983 – يىلى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىدا بىر چوڭ دېڭىز تاشپاقىسى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ ئېغىرلىقى 120 كىلوگىرام كەلگەن. ئۇ كۆرگەزمە مەزگىلىدە تېخى 30 تۇخۇم تۇغقان. مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ 300 ياشتىن ئاشقانلىقىنى ئېنىقلىغان. تاشپاقا گەرچە ھايۋانات دۇنياسىدىكى ‹‹ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى›› بولسىمۇ لېكىن نەسلى ئوخشاش بولمىغان تاشپاقىلارنىڭ ئۆمرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى 100 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرسە بەزىلىرى ئاران 15 يىل ياشىيالايدۇ. ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بەزى تاشپاقىلارنىڭ ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ؟ ئالىملار بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. بەزىلەر تاشپاقىنىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ بەدەن شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بەدىنى چوڭ تاشپاقىلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بەدىنى ۋىجىك تاشپاقىلارنىڭ ئۆمرى قىسقىراق بولىدۇ. دېڭىز تاشپاقىسى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى پىلسىمان تاشپاقىنىڭ ئۆمرى ھەممىدىن ئۇزۇن بولىدۇ، دەپ قارىغان.

      بەزى زوئوتومىيە ئالىملىرى ۋە مېدىتسىنا ئالىملىرى تاشپاقىنىڭ يۈرىكى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ ئىككى كۈنگىچە سوقۇشتىن توختىمىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ تاشپاقىنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بەلكىم بۇ تاشپاقىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر