باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

شىۋېتسارىيە بەرەڭگە نېنى

 

 

  شىۋېتسارىيەنىڭ بەرەڭگە نېنى(Raclette) ناھايىتى تەملىك بولۇپ، شىۋېتسارىيەلىكلەرلا ئەمەس، ساياھەتكە كەلگەن باشقا دۆلەت كىشلىرىمۇ ناھايىتى ياقتۇرۇپ يەيدۇ، بۇ ناننى ئائىلىدە ئىتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، ناھايىتى ئاسان.

  1. بەرەڭگىنىڭ پوستىنى سويماي، پاكىز يۇيىمىز، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ، قايناۋاتقان سۇدا 7 - 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرىمىز.

  2.  پۇشۇرۇپ تەييارلانغان بەرەڭگىنى سۈزۈپ ئېلىپ، دەرھال سوغۇق سۇغا چىلايمىز، سوۋۇغاندىن كېيىن، پوستىنى سۇيۇپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.

  3. قەلەمچە قىلىنغان بەرەڭگىنى تىگى تۇتمايدىغان تەكشى قازانغا سېلىپ، ئازراق تۇز چېچىپ يىنىك ئۆرۈيمىز ، ئوتتۇرا ھال ئوتتا بەرەڭگە قەلەمچىسىنى بېسىپ، يۇمىلاق نان ھالىتىگە ئەكىلىمىز.

  4. ناننىڭ چۆرىسىدىن تەكشى ھالدا ئىرىتىلگەن ئىرىمچىك (پىشلاق) ئۈستىگە قوشىمىز. (بۇنىڭغا يەنە قېزا، تۇخۇمنى قوشۇشقا بولىدۇ)

  5. ناننىڭ ئىككىلى يۈزى سارغايغاندىن كېيىن ئالساقلا بولىدۇ.

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر