باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان ناچار ئادەتلەر

 

 

      تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش. تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندە بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. تاتلىق يېمەكلىك چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      زىيادە تويۇنۇش. زىيادە تويۇنغاندا چوڭ مېڭىدىكى ‹‹تالابىخ ھۈجەيرىسى يېتىلىش فاكتورى›› دەپ ئاتىلدىغان ماددا كۆپىيىپ، چوڭ مېڭە ئارتېرىيەسىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەپلىك بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.

      ناشتا قىلماسلىق. ناشتىنى ئاز قىلىش ياكى ناشتا قىلماسلىق قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىپ، چوڭ مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

      ئاز گەپ قىلىش. چوڭ مېڭە پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، تەپەككۇر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ گەپ قىلىپ بەرگەندە، مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

      كېسەل تۇرۇپمۇ كاللا ئىشلىتىش. بۇنداق قىلغاندا ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، چوڭ مېڭىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر