باش بەت | پىسخىكا

ھۆسىنخەت مەشىق قىلىش بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا پايدىلىق

 

 

      ھۆسىنخەت مەشىقى بالىلارنى زېھنىنى يىغىپ يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىق بولۇشىغا، تەمكىن خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە ھۆسىنخەت يېزىشقا بولغان بىر خىل قىزغىنلىق، خەتنى تۈرلۈك نۇسخىلاردا تېخىمۇ چىرايلىق، كۆركەم يېزىش، بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ كېڭىيىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

     ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار ھەر قېتىم ھۆسىنخەت مەشىق قىلغاندا، نېرۋىنىڭ جىددىيلىشىشىنى يېنىكلىتىپ، يۈرەك سوقۇش، قان بېسىمىنى تەڭشەپ، تەشۋىشلىنىش يوقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەيپىيات، نەپەسنى تەڭشەش قاتارلىق بىر قاتار جەريانلاردا، بالىلار بىر خىل يەڭگىللىكنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق. شۇڭا مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ياكى ئائىلىدە بولسۇن، بالىلار ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ھۆسىنخەت يېزىشنى مەشىق قىلىپ بەرگەندە، ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر