باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئانا تىل

مەريەمگۈل ئابلىكىم

      ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كىلۇر،

      ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

      بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدا،

      سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا، ئۇندا مەن بارغۇم كېلۇر.

      مەن شائىر قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئانا تىل توغرىسىدا يازغان شېئىرىدىكى بۇ مىسرالارنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئانا تىلنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم ھەمدە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىم، ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئانا تىلنى پۇختا ئۆگىنىش، ئانا تىلغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى توپلاش ۋە مۇستەھكەملەش ئىستىكىم ئۇلغايدى.

      دەۋر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپ تىللىق بولۇش تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بىز ئانا تىلنى پۇختا ئۆگىنىش بىلەن بىللە باشقا تىللارنىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. كۆپ خىل تىلنى بىلگەندە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالالايمىز. ئەمما، ھازىر بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلىدا ماقالە يېزىش تۈگۈل راۋان سۆزلىيەلمەيدۇ. ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان ۋە سۆزلىيەلمەيدىغانلارنىڭ باشقا تىللارنىمۇ ياخشى ئۆگىنەلىشى ناتايىن. شۇڭا، بىز ئانا تىلىمىزنى پۇختا ئىگىلەشنى ئاساس قىلغان ھالدا باشقا تىللارنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرالايمىز.

(ئاپتور مەكىت ناھىيەلىك تولۇق 2 – يىللىق 4 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر