باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ باھار پەسلىنى قۇتلۇقلاش ئادەتلىرى

      قەدىمدە ئۇيغۇرلار باھار پەسلىنى قىزغىن تەنتەنە ئىچىدە قۇتلۇقلايتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە باھار پەسلى پۈتكۈل كائىنات ۋە ئىنسانىيەتكە يېڭى ھايات، يېڭى ئوزۇق ۋە يېڭىچە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان گۈزەل پەسىل ھېسابلىناتتى. شۇڭا، ئۇلار باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشۈپ، بازار پەسىلى يېتىپ كەلگەندە خۇشال–خۇراملىق بىلەن تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قەبىلىلەر، ئۇرۇقلار بويىچە چوڭ-كىچىك سورۇنلارنى ھازىرلاپ، سورۇندا باھارغا ئاتاپ يازغان شېئىر، قوشاق ۋە بېيتلار ئوقۇلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى ۋە چېلىشىش قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. مەدداھلار قەھرىمانلىق ھەققىدىكى قىسسەلەرنى، جەڭنامىلارنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەيتتى، شائىرلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلاتتى. قىز–يىگىتلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ باھارنى قۇتلۇقلىشاتتى. ئاپئاق ساقاللىق بوۋايلار، چاچلىرىغا ئاق سانجىغان مومايلار تاماشا كۆرگەچ دېھقانچىلىق، تېرىقچىلىق ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشاتتى.

      قىسقىسى، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ باھار بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئادەتلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن بۇ پەسىل كۆڭۈلنى خۇش قىلدىغان ھەم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۈستىدە پىكىرلىشىدىغان، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىش جەڭگاھىغا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان پەسىل ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۇلار زور كۈچ سەرپ قىلىپ بۇ كۈن ۋە بۇ پەسىلنى ئالاھىدە قۇتلۇقلايتتى. ئۇلار باھار پەسلىنى مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى قۇتلۇقلىشاتتى.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر