باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

قەھۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

 

 

     ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا كۆكتات، مېۋە، تېتىتقۇ، ماي ۋە ئىچىملىك قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىك ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يېرىم ئىستاكان قەھۋە ئىچكەنلەرنىڭ 1299 مىكرو گىرام ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ ئوخشاش مىقداردىكى قىزىل چاي ئىچكەن ياكى كۆكتات، مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلغانلارنىڭ قوبۇل قىلغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا مىقدارىدىن ئارتۇق ئىكەن. ھالبۇكى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بەدەننىڭ زىيانلىق ئەركىن رادىكاللارنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەم قەھۋە ئىچىپ بەرگەندە، جىگەر، ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى، ئىككىلەمچى دىيابېت كېسەللىكى ۋە كىنسون كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

      تەخەسسىسلەر يەنە ياشانغانلارغا ھەر كۈنى كۆپ بولغاندا ئىككى ئىستاكاندىن قەھۋە ئىچىشنى، شۇنداقلا قەھۋەگە ئازراق شېكەر ۋە سۈت جەۋھىرى قوشۇشنى ئۇنۇتماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار كىشىلەر قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم ئىكەن.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئاينۇر