باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

مېنىڭ دادام

دىلناز جورى

      مېنىڭ دادام 40 ياشلار چامىسىدىكى بۇغداي ئۆڭ، ئوتتۇرا بوي، ئاددىي – ساددا، چىرايىدىن تەمكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان مېھرىبان دادا.

      دادام شوپۇر، ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە چىقىپ كەتسە كەچتە ھارغىن قايتىپ كېلىدۇ. ئەمما، ئۇ ئۆيگە كىرىپلا يۇمۇرىستىك گەپلىرىنى باشلاپ ئائىلىمىزنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ئۆيىمىزدە خۇشاللىق كۈلكىلىرى داۋاملىق ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

      دادام كىچىك ۋاقتىدا ياخشى ئوقۇماي ساۋاتىنى چىقىرالمىغانىكەن. بەزىدە ماشىنا ھەيدىگەندە بەزى قاتناش بەلگىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇيالمىغاچقا كۆپ قېتىم جەرىمانە تۆلىدى. شۇڭا، دادام بىزگە ياخشى ئوقۇش توغرىسىدا كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ. ئۇ باشقا ئاتا – ئانىلاردەك بىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ. قايسىمىز خاتالىق ئۆتكۈزسەك ئايرىم تەربىيە قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى ھەدەم ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەندە ھەدەمنى تەنقىدلىمەي ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ قايتا ئوقۇتۇپ ئىمتىھان بەرگۈزدى، نەتىجىدە ھەدەم بۇ يىل ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى.

     مەن دادامدىن پەخىرلىنىمەن. دادامنىڭ جاپا تارتسىمۇ بىزگە ياخشى ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

 (ئاپتور غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ 8 – يىللىق 2 – سىنىپتا) 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر