باش بەت | چولپانلار

48 يېشىدا دۇنيا چېمپىيونى بولغان بوكسچى

      خەلقئارا بوكسچىلار بىرلەشمىسى 79 كىلوگىراملىق ئايرىمىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 10 – مارت نيۇيوركتا ئاياغلاشتى، 48 ياشقا كىرگەن ئامېرىكا ماھىرى خوۋكىنىسىن نومۇر جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ كىراۋدىردىن ئالتۇن كەمەرنى تارتىۋالدى.

      مۇسابىقىدىن كېيىن خوۋكىنىسىن مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ مۇسابىقە مېنىڭ بوكس ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم مۇسابىقىنىڭ بىرى بولغاچقا، مەن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە پۇختا تەييارلىق قىلدىم، گەرچە رەقىبىمنىڭ يېشى)31 ياش( بالامنىڭ يېشى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، بىراق مەن يەنىلا تەجىرىبەم ۋە تىرىشچانلىقىمغا تايىنىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلدىم››.

 

 
 

      خوۋكىنسنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى: خوۋكىنىسىن 1965 – يىلى 15 – يانۋاردا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 1.84 مېتىر، كەسپىي ماھىرلىق ھاياتىدا 61 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 53 مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان، 32 مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتىۋەتكەن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ خەلقئارا بوكسچىلار كېڭىشى، خەلقئارا بوكسچىلار تەشكىلاتى، جەلقئارا بوكسچىلار بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا بوكسچىلار جەمئىيىتىدىن ئىبارەت تۆت تەشكىلاتنىڭ چېمپىيونلۇقىنى مونوپول قىلغان. ئۇ بۇ قېتىم چېمپىيون بولغاندىن كېيىن ئۆزى ياراتقان دۇنيا بوكس چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن يېشى ئەڭ چوڭ ماھىر رېكورىتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭلىدى. ئۇ 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ يەنە مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقانلىقتىن ‹‹دۇنيا بوكس ساھەسىدىكى تاش قاتما›› دەپ نام ئالغان.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئاينۇر