باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

ئۇيغۇر تائاملىرى شاھى – پولو

 

 

      ﭘﻮﻟﻮ - ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ، ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﺗﯜﺭﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﺷﺎﮬﯩﺪﯗﺭ. ﭘﻮﻟﻮﻧﯩﯔﺗﯜﺭﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 70 ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ.

      پولو ئادەتتە ‹‹داش قازان پولۇرى›› ۋە ‹‹ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولو›› دەپ ئايرىلىدۇ.

      ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولو - گۆشلۈك پولو، بەتتە پولو، ئەنجان پولوسى دەپ چوڭ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئائىلىلەردە ئاساسەن گۆشلۈك پولو بىر قەدەر ئومۇمىلاشقان بولۇپ، شارائىت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ توخو گۆشى، ئۆردەك گۆشى، باچكا گۆشى، پېتىر مانتا، گۆشلۈك قورۇما قاتارلىقلارنى بېسىپ ئەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل پولولار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ‹‹بەتتە پولو (قورۇما بىلەن ئەتسە)››، ‹‹ئاش مانتا (پېتىر مانتا بېسىلسا)››، ‹‹توخۇ، ئۆردەك، باچكا پولوسى...›› دېيىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەردە يۇقۇرىقىدەك گۆشلۈك ۋە گۆشسىز پولولارغا ھەر خىل قوشۇمچىلارنى (بېھى، كىشمىش، ئۈرۈك قېقى، چامغۇر، ياڭيۇ، پالەك، تۇخۇم، قىزىلمۇچ، ئاق نان قاتارلىقلار) خالىغانچە سېلىپ ئېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پولونى دۈملەشتىن بۇرۇن، يېسىۋېلەك (بەسەي)، پىدىگەن (چەيزە)، كۈدە (جۈسەي) قاتارلىق كۆكتاتلارنى بىللە دۈملەپ ئاش پىشقاندا ئايرىپ ئېلىپ سوۋۇتۇپ، زىرە - قارامۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاچچىقسۇ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ھەر خىل سوغۇق سەيلەرنى ياسىسىمۇ بولىدۇ.

      ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2 ﭼﯩﻨﻪ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ (كىچىكرەك ﭼﯩﻨﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ قىلىنىدۇ) ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ ، ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 2 ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍﻻﭖ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﻳﺎﻟﭙﺎﻕ، ﮔﯚﺷﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﭼﻮﯓﺗﻮﻏﺮﺍﻳﻤﯩﺰ.

      ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ 250 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻣﺎﻱ ﻗﯘﻳﯘﭖﭼﯜﭼﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺩﺍﻏﻼﭖ، (چوڭراق قوشۇقتا ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻗﻮﻱ ﻣﺎﻱ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻳﺎﺧﺸﻰ) ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﮔﯚﺵ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺭﯗﭖ، (ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﯘﺯ ﺳﯧﻠﯩﭗ) ﺗﻮﻏﺮﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗﻳﻤﯩﺰ، ﺳﯜﻳﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ ﻗﯩﻴﺎﻣﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ (ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ، (ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﮔﯜﺭﯛﭼﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯩﻨﻪ ﺳﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﯩﯔ ﺳﯘ ئىچىش ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﺪﯗ) ﺋﻮﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﭗﺳﯜﻳﻰ ﭘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ (ﺗﯘﺯﻯ ﺳﻪﻝ ﺋﯚﺗﯜﭘﺮﻩﻙ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ) ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ (ﺳﻪﯞﺯﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻧﺪﻩ) ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻮﺗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﺳﯜﻳﻰ ﺗﯜﮔﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﺎﭘﻜﯩﺮﻧﻰ ﺳﻪﯞﺯﯨﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﮬﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﺎ 2 - 3 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯜﻳﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﯩﺮﺍﻕﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﻮﻳﺰﺍ ﺳﺎﻧﭽﯩﻴﻤﯩﺰ ،ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﻮﻗﻘﺎﻥ ﺯﯦﺮﻩ ﺳﯧﭙﯩﭗ ، ﮔﯚﺵ، ﺑﯧﮭﯥ ، ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ (ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻘﺎ، ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) ﺩﯗﻣﻠﻪﻳﻤﯩﺰ، 10 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦﺋﻮﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ 20 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﻳﯩﮕﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﭼﺴﺎﻕ ﺋﺎﺵ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯩﺸﯩﺪﯗ، ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﭘﻮﻟﻮﻧﻰ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟېتىپ ﺗﯘﺭﯗﭖﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺧﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺳﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

      ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۇۋۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.

      ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﻪﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر