باش بەت | سەيلىگاھلار

بېزەكلىك مىڭئۆي

     

 

       بېزەكلىك مىڭئۆي تۇرپاننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان يالقۇنتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى مۇرتۇق جىلغىسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. ئۇيغۇر بۇددىزىم سەنئىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، مىڭئۆي سانى ئەڭ كۆپ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل، قۇرۇلۇش شەكلى ھەر خىل، جايلىشىشى ئەڭ رەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك بولغان ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە سەنئەت خەزىنىسى.

 

 

      بېزەكلىك مىڭئۆي قۇچۇ ئۇيغۇر بەگلىگى دەۋرى (499 -  640 - يىللار)دە بىنا قىلىنغان مىڭئۆي توپى بولۇپ دۇنياغا داڭلىق. بۇ مىڭئۆينىڭ تۇرپان شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ مىڭئۆيلەرنىڭ بەزىلىرى دىنى سەۋەبلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ۋە 20-ئەسىردىكى ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچرىغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى بادەت غارى، دىيان غارى، راھىبلار ھۇجرىسى ۋە خاتىرە غارىدىن ئىبارەت 83 ى بولۇپ، 77 سىگە نومۇر قويۇلغان. بۇنىڭدىن 40دىن ئارتۇق مىڭئۆيلەردە 1200 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى تام سىزمىلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمونى ئىنتايىن مول. بۇ مىڭئۆيلەردىن نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. بېزەكلىك مىڭئۆي 1982 - يىلى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىنغان.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر