مەكتەپتە كەپسىزلىك قىلىدىغان بالىلار ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېغىر باش ئاغرىقى، بىراق ئۇلارنىڭ كەپسىزلىكىگە ئۇخلاش سۈپىتى تەسىر كۆرسىتىدۇ. كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: قېنىپ ئۇخلىغان بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: ياخشى ئۇخلىيالمىغان بالىلار ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، ئاچچىقلىنىدىغان، قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا يىغلايدىغان ۋە ئۈمىدسىزلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.