باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

12 مۆچەلنىڭ كېلىپ چىقىشى

      بىر كۈنى تەڭرى ئالەمدىكى بارلىق ھايۋانلارنى يىغىپ ئۇلارغا:

      — مەن ئاراڭلاردىن 12 ھايۋاننى تاللاپ ھەر يىلى نۆۋەت بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى قوغداشقا قويماقچى، ھەممىڭلار يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى بۇ يەرگە يىغىلىڭلار، مەن يېتىپ كېلىش تەرتىپىڭلارغا ئاساسەن سىلەرنى رەتكە تىزىمەن، – دەپ ئۇقتۇرۇپتۇ.

      بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھايۋانلار بۇ كۈننىڭ تېزراق كېلىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ يېتىپ بېرىپ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىشىنى ئۈمىد قىپتۇ. بىراق، مۈشۈك يىغىلىدىغان كۈننى ئۇنتۇپ قېلىپ غەم قىلىپ تۇرسا يولدا چاشقان ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇ چاشقاندىن:

      — چاشقانچاق، بىزگە ئۇقتۇرغان يىغىلىدىغان كۈن قايسى كۈن ئىدى؟ – دەپ سوراپتۇ. چاشقاننىڭ بىرىنچى بولغۇسى بولغاچقا قەستەن ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ:

      — مۈشۈكجان، 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى يىغىلىمىز، كېچىكىپ قالمىغىن، – دەپتۇ. چاشقان ‹‹ھېچ بولمىغاندا مۈشۈكنىڭ ئالدىدا بارىدىغان بولدۇم›› دەپ ئويلاپ، خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ.

      چاشقاننىڭ ئۆيى كالا قوتىنىنىڭ تورۇسىدا ئىكەن. چاشقان ئۆيگە كېلىپ كالىنىڭ يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، چاشقان مۇغەمبەرلىك بىلەن:

      — كالا ئاكا، ھازىرلا يولغا چىقامسەن؟ – دەپ سوراپتۇ. كالا ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن:

      — شۇنداق، مەن ئاستىراق ماڭىمەن، شۇڭا بۈگۈن كېچىدە يولغا چىقمىسام بولمايدۇ، – دەپتۇ. كالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چاشقان نىيىتىنى بۇزۇپتۇ – دە چاندۇرماي كالىنىڭ يۈك – تاقىسىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋاپتۇ. كالا كېچىچە توختىماي يول يۈرۈپ ئاخىر تەڭرى ئوردىسىغا كىرىپتۇ. ئۇ بىرەر ھايۋاننىڭمۇ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە: ‹‹بەك ياخشى بولدى، مەن بىرىنچى بولۇپ كەپتىمەن›› دەپ ئويلاپ تەڭرىنىڭ ئالدىغا كىرەي دەپ تۇرسا، چاشقان يۈك – تاق ئارىسىدىن سەكرەپ چىقىپ تەڭرىنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ‹‹مەن بىرىنچى بولۇپ كەلدىم›› دەپتۇ. كالا ئاچچىقىدا تىترەپ كېتىپتۇ.

      ئەتىسى مۈشۈك ھاسىراپ – ھۆمىدىگىنىچە ئوردىغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ‹‹بەك ياخشى بولدى، مەن بىرىنچى بولدۇم›› دەپ ئويلاپ كىرمەكچى بولغاندا تەڭرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئۇنى تۇسۇپ:

      — سەن كېچىكىپ قاپسەن، تەرتىپ تۈنۈگۈن بېكىتىلىپ بولدى. چاشقان بىرىنچى بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى كالا، يولۋاس، توشقان، ئەجدىھا، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت، توڭگۇز، – دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان مۈشۈك چاشقانغا ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، شۇ زامان ھىڭگاڭ چىشلىرى ۋە تىرنىقىنى غۇچۇرلىتىپ: ‹‹قاراپ تۇر ئۆلگۈر چاشقان، ئەمدى ئەدىپىڭنى قانداق بېرىمەنكى!›› دېگىنىچە قايتىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مۈشۈك چاشقاننى كۆرسىلا ئۇنىڭغا ئېتىلىدىغان بولۇپ قالغانىكەن.

ياسىنجان ئوسمان ئەركزات (مەكىت ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر