باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ۋاپادارلىق كۆرسىتىش

      بىر قېتىم يېقىن خىزمەتدىشىم شۇنداقلا ئاغىنەم بىلەن كاماندىروپكىغا چىقتىم. ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ئەركىن بولالايمەن دەپ ئويلىغانىدىم، بىراق ئاغىنەمنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچانلىقى مېنى سەل تەڭلىكتە قويدى.

       بۇ ئاغىنەم ئىلگىرى ناھايىتى ئوچۇق، خۇشخۇي ئادەم ئىدى. نېمىشقا مەن بىلەن بىللە كاماندىروپكىغا چىققاندىن كېيىنلا مۇشۇنداق بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ماڭىمۇ نامەلۇم ئىدى.

     كاماندىروپكا ئاخىرلىشىپ قايتىپ كېلىش يولىمىزدا مەن ئۇنىڭدىن زادى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردى.

      ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىنىسى تېخى يېقىندا ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى، سالامەتلىكى ئۇنىڭ 80 ياشلىق ئاتىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بۇ قېتىم كاماندىروپكىغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئاتىسى ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا كۆپرەك ئېھتىيات قىلىشىنى قايتا – قايتا چېكىلىگەنىكەن.

      ئاخىرىدا ئاغىنەم مەنىلىك قىلىپ: ‹‹ئەمەلىيەتتە، ئاتا – ئانىلارغا ۋاپادارلىق قىلىشنىڭ شەكلى كۆپ خىل. ئاتا – ئانىلىرىمىزغا ھەمدەم بولالىساق، ئۇلار ئۈچۈن نەرسە سېتىۋالساق، ئۇلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرەلىسەك مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا – ئانىلىرىمىزغا ۋاپادارلىق قىلغانلىقىمىز. ئەمما ئوبدانراق ئويلاپ باقساق، ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى ئاسرىشىمىز، ئۇلارنى بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزدىن، بىخەتەرلىكىمىزدىن خاتىرجەم قىلدۇرۇشىمىز،  ئەنسىرەتمەسلىكىمىزمۇ ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشىمىزدىكى تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلدۇر›› دېدى.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي